2019-يىلى4-ئاينىڭ25-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2019-04-25 11:12:54

\

ئاساسىي ئانالىز
4-ئاينىڭ 25-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا خەلقئارا نەق مال كۈمۈش 14.93 دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى .ئالدىنقى سودا كۈنىدە كۈمۈش باھاسى ھەر ئۇنسىيە ئالتۇن باھاسىغا ئەگىشىپ 14.98 دوللار/ ئۇنسىيەگە ئۆرلەپ ، شۇ كۈنى مۇسبەت سىزىق بويىچە ئازراق ئۆرلىدى ، بۈگۈنكى سودا كۈنىدە كۈمۈش باھاسى ۋاقتىنچەچۈشۈش ۋەزىيىتى كۆرۈلشى مۇمكىن.
چارشەنبە ئامېرىكا دوللىرى زور كۈچ بىلەن ئۆرلىسىمۇ ، لېكىن ئالتۇن بىلەن كۈمۈش ئاز ئۇچرايدىغان ئۆرلەش ۋەزىيتىدە بولدى.پېڭ بوجۇ چارشەنبە ماقالە ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى ، كانادا مەركىزىي بانكىسى (BOC) سىياسەت بايانات ئېلان قىلىپ ئۆسۈم قوشۇش خاھىشىدىن ۋاز كەچكەندىن كېيىن ، ئۇزۇن مۇددەتلىك قەرزنىڭ پايدا نىسبىتى قىسقا مۇددەتلىك قەرزدىن تۆۋەن بولۇپ قالدى ، بىر قىسىم ئىقتىسادشۇناسلار ئۇنى ئىقتىسادىي چېكىنىش يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان سىگنال دەپ قارىدى ، بۇ بازاردا خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ ، قىممەتلىك مېتاللارنى سېتىۋېلىش-سېتىشنىڭ جانلىنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە

1.چارشەنبە كۈنى كۈمۈش باھاسى14.77دىن 14.98ئارىلىقىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى،
كۈمۈشنى 14.80 دىن 14.85 ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئالمىز دىگەن،تەھلىل بۇيىچە 14.80 دىن 14.85 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى.14.85 ئەتراپىدا ئالغان چۈشۈش مىلىنىڭ بىر قىسمىنى ياۋرۇپا بازىردا 14.80 ئەتراپىدا چىقىرۋالدۇق.ياۋرۇپا بازىردا قۇلىدا مال يوق خېرىدارلار مەبلەغ ئەھۋالىغا قارىتا 14.80 دىن 14.85 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە مال قوشساق بۇلىدۇ دەپ ئەسكەرتىش بەردۇق.كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا كۈمۈشنىڭ كۈندۈزى تەرەپتە ئالغان چۈشۈش ماللىرىنى 14.77 ئەتراپىدا چىقىرىشنى ئاساس قىلىمىز دىدۇق، لىكىن كەچلىك ئامىرىكا بازىردا چۈشۈش مىلىنى چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي قاڭقىپ ئۈسۈپ كىتىپ قالدى.كەچلىك ئامىرىكا بازىردا 14.95 ئەتراپىدا ئازراق زىيىنىغا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق.
ئومومەن چارشەنبە كۈنى بىر قېتىملىق تەھلىلدىن 5نۇقتا پايدا 15 نۇقتا زىيان شەكىللەندى.
2.بۈگۈن كۈمۈش باھاسىنى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۈسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى : 9703.64توننا
بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار :15.05
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.