2018-يىلى3-ئاينىڭ19-كۈنى كۈمۈش سودا تەھلىلى

rabigul 2018-03-19 11:07:32

\

ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارا كۈمۈش باھاسى دۈشەنبە (3-ئاينىڭ 19-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 16.30 دوللار ئەتىراپىدا تەۋرەندى. ئالدىنقى جۈمە كۈنى (3-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى ياخشى بولدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 3-ئايلىق يىغىنىدا ئۆسۈم قوشۇش قارار قىلنىپ بولغانلىقى ئۈچۈن، دوللارنىڭ پىرۋوت باھاسى ئۆرلەپ، كۈمۈش باھاسىغا بىسىم ئىلىپ كەلدى،كۈمۈش باھاسى تۆۋەنلەپ 16.19 دوللار ئەتراپىغا چۈشتى. دۈشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ،ياۋرو رايوننىڭ 1-ئايلىق سودا ھېساباتى، ھەم بۈگۈن كەچتە ئىلان قىلىنىدىغان ئاتلانتا بىرلەشمە رەئىسى بوستىكنىڭ سۆزى.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى كۈمۈش باھاسى 16.19-16.49دوللار ئەتراپىدىكى باھالاردا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى؛ جۈمە كۈنى كۈندۈزدىكى بازاردا سودىغا كىرمەي كۆزىتىشنى ئاساس قىلمىز دىگەن. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا كۈمۈش باھاسى 16.30-16.40 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلمىز، پايدىسىنى 16.50-16.70 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز ،زىياننى 16.20 ئەتراپىغا توغرىلايمىز دىگەن، ئامېرىكا بازىرىدا 16.30 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەردى، كەچ تەرەپتە ئۆسۈشكە ئالغان ماللارنىڭ زىيان نۇقتىسىنى 16.15 دوللار ئەتراپىغا توغۇرلاپ قويۇش توغۇرلۇق ئەسكەرتىش بەردۇق. ئەگەر جۈمە كۈنىدىكى ئۆسۈش ماللارنىڭ زىيان نۇقتىسىنى چوڭراق قىلىپ تەڭشەپ قويغانلار بۈگۈن پۇرسەت بەرگەندە مۇۋاپىق باھالاردا چىقىرىشقا دىققەت قىلايلى.
2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا،كۈمۈش باھاسىنى تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز؛ كونكېرىت سودا تەھىلىلى ھەر قايسى qq vip توپلېرىغا يوللىنىۋاتىدۇ.

ئەڭ يېڭى كۈمۈش زاپاس مىقدارى :9922.39توننا

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار : 16.00
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.