2017-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-07-19 10:44:22

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە(7- ئاينىڭ19-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ئۈزلۈكسىز ئۆسۈپ،2ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. سەيشەنبە(7-ئاينىڭ18-كۈنى)دوللار باھاسى 10ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان. سەۋەبى تىرامپ سىياسىتىدە يېڭىچە داۋالاش لاھىيەسى ياخشى بولمىغان، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ يېقىنقى ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقنى تۆۋەنلىتىۋەتكەن. شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئۈچ سودا كۈنى ئۆرلەش ھالىتىدە تۇرغان، ھەمدە ئەڭ يۇقىرى 1244.75 دوللاردىكى باھانى كۆرسەتكەن. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ يېڭى ئۆينىڭ ئىش باشلاش ئەھۋالى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى.
مەشغۇلات باسقۇچى

1. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1243-1232 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1234-1235 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق،1235 دوللار ئەتراپىدىن ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1237-1240 دوللارغىچە ئارىلىقتا بۆلەككە بۆلۈپ چىقىرىش ئەسكەرتىشىنى بەردۇق. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1242-1245 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، 1242-1243 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1241 دوللاردىكى باھادا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 3-8 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2 .ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە, ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1235 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.