2017-يىلى7-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-07-18 11:07:55

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە (7- ئاينىڭ 18-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 1237.45 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ بېرىپ 2 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتتى. سەۋەبى يېقىندىن بۇيان چىققان سانلىق ئۇچۇرلار بىۋاستە ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقىنى ئاجىزلاشتۇرغان، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇشىغا تەسىر يەتكۈزگەن،دوللارنىڭ ئاي ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قېلىشىغا سەۋەب بولغان. ئالتۇن باھاسى (7-ئاينىڭ17-كۈنى) ئۇدا ئىككى سودا كۈنى ئۆرلەش ھالىتىدە بولۇپ ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1236.25 دوللارغا چىققان. سەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى .


مەشغۇلات باسقۇچى

1. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1227-1235 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1228-1225 دوللار ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن بۇ باھالارغا مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1235-1237 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، 1235 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1233 دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق2 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2 .ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە, چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1243 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.