2017-يىلى 6-ئاينىڭ 15-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-06-15 11:03:41

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى جۈمە(6-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1254 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. پەيشەنبە (6- ئاينىڭ15-كۈنى)ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشى سانلىقمەلۇمات ئىپادىسى ياخشى چىقمىغانلىقتىن، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ بۈگۈن كەچتىكى يەنە ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى يۇقىرىلاپ دوللار باھاسى 2 ھەپتىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىغا چىققان،شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈش ئەھۋالى كۆرۈلگەن. ھەمدە ئالتۇن باھاسى 1251.15 دوللارغا چۈشۈپ قالغان. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق كۆرسەتمىسى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات دوكلات ئىپادىسى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1250.7-1266.7 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1270 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ باھالاردىن مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، ياۋرۇپا بازىرىدا 1266-1268 دولالردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ باھالارغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى. كېيىن 1261-1264 دوللاردىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ باھالارغىمۇ پۇرسەت بەرمىدى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا 1255-1260 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق. 1255 دوللاردىن چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1251 دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 4 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.


2 .ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن توپقا ئەسكەرتىش بېرىمىز.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1250 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.