2017-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-06-02 10:40:45

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى جۈمە(6-ئاينىڭ2-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1262 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. پەيشەنبە (6-ئاينىڭ1-كۈنى)ADP ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق دوكلاتى مۆلچەردىن يىراق چىققان. بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى مۇقىملاشتۇرغان، شۇنىڭ بىلەن دوللار باھاسى ئۈسۈپ ئالتۇن باھاسىنى 1261 دوللاردىكى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈرگەن. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ 5- ئايلىق غەيرىي يېزا ئىگىلىك سانلىق دوكلاتى ، بۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ 6-ئايدا ئۆسۈم قوشۇشىغا مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىشى مۇمكىن. بىراق، ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ سىياسىي ئەمەلدارى پۇل پاخالىققىغا ئىككىلەندى، سەۋەبى مائاش سانلىق قىممىتى ئەمەلىي ئىشقا ئورۇنلاشقان ئادەم سانىدىن مۇھىم بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىغان.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1260.7-1270.6 دوللار ئارلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1264 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنى پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمىدى، كېيىن 1261 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى 1264 دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا 1266-1262 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق،1266 دولالر ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى بۈگۈن ئەتىگەن1262 دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق7 دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2.ئالتۇن باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ئۈسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، شۇ ۋاقىتتىكى بازار ئەھۋالىغا ئاساسەن توپقا ئەسكەرتىش بېرىمىز.
3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1260

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.