2017-يىلى 2-ئاينىڭ 10-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-02-10 11:03:40

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن جۈمە(2-ئاينىڭ 10-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كىچىك دائىرىدە تۆۋەنلەپ 1222.34 دوللارنى كۆرسەتتى. پەيشەنبە (2-ئاينىڭ9-كۈنى)ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ كەلگۈسى بىر نەچچە ھەپتىلىك باج پىلانىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى، شۇنداقلا ئامېرىكا ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇمات نەتىجىسىنىڭ كۈچلۈك بولىشى، دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئالتۇن باھاسى 1244.77 دوللار دىكى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىدىن %1چۈشۈپ 1227 دوللار ئەتراپىغا كەلگەن. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ياۋرۇپا ئامېرىكا ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى، ھەمدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى رەئىسى فېيشىرنىڭ سۆزى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1244.6-1226.5دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تەھلىل بويىچە 1240-1243دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1235-1237دوللار ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، كەچ تەرەپتە پايدا رايونىغا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، چۈشتىن كېيىن 1243دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1239دوللار ئەتراپىدا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق بۇنىڭغىمۇ پۇرسەت بەردى، ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن 1243دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، مالنىڭ بىر قىسمىنى1235دوللاردا قالغان قىسمىنى 1230دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. كەچ تەرەپتە ئالتۇن باھاسى 1235 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1230-1227دوللارغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، 1227دوللاردا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 30دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا باھاسىنىڭ يۆنىلىشى ئاۋال ئۆرلەپ ئاندىن چۈشۈشنى ئاساس قىلىدۇ. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1220
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.