2017-يىلى 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-02-07 11:02:56

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق نەق مال ئالتۇن سەيشەنبە(2-ئاينىڭ7-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا كىچىك دائىرىدە چۈشۈپ 1230دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. دۈشەنبە(2-ئاينىڭ6-كۈنى) ئاسىيا بىلەن ئامېرىكىنىڭ سىياسىي ۋەزىيىتى داۋالغۇش تۈپەيلى دوللار بېسىمغا ئۇچرىغان، مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزىقىشىنى ئېشىپ، ئالتۇننىڭ باھاسى شۇ كۈنى % 1ئۆرلىگەن، ھەمدە 1235.80 دوللار بولۇپ يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى باھانى ياراتتى. سەيشەنبە كۈنىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى يەنىلا ئامېرىكا سودا ھېساباتى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئىپادىسى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1235-1220دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن چۈشتىن بۇرۇن تەھلىل بويىچە 1225دوللار ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1221دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، چۈشتىن كېيىن قايتا 1225 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمىدى، زىياننى تەڭشىگەنلەر بولسا 1228دوللاردا چىقىپ كەتتى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1229-1228دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مال پايدىدا چىقىرىش پۇرسەت بەرمىدى، 1232دوللاردا زىياننى توختاتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولسا 4دوللار پايدا، 7دوللار زىيان بولغان بولىدۇ.

2. بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك, تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1235

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.