2017-يىلى 1-ئاينىڭ 20-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-01-20 12:01:17

\


ئاساسىي ئانالىز

جۈمە (1-ئاينىڭ 20-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ 1207دوللار ئەتراپىغا چىققان. پەيشەنبە (1-ئاينىڭ 19-كۈنى)ئېلان قىلىنغان ئامېرىكا ئىقتىسادى سانلىق مەلۇمات ئومۇمىي جەھەتتىن نەتىجىسى ياخشى چىقتى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىن (Jannet Yellen) تەدرىجى ئۆسۈم ئۆستۈرۈشكە قارىتا سۆز قىلدى؛ شۇ سەۋەبتىن ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەپ بىر 1196 دوللار ئەتىراپىغا چۈشتى؛ لېكىن ئارقىدىن دوللار ۋە ئامېرىكا زايوم پايدا نىسبىتى تۆۋەنلەپ، ئالتۇن باھاسى قايتا 1200دوللاردىن يۇقىرى نۇقتىغا چىققان. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىقىغا سايلانغان تىرامپ رەسمىي قەسەم بېرىپ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇشى؛ تىرامپ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن پۇل مۇئامىلە بازىرىدا زور ئۆزگىرىش يۈز بېرىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1206.5-1196دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە 1198-1120دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1205دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، 1205 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1197دوللار ئەتراپىدا چىقىرىش پۇرسىتى بەردى، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1205-1203دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق لېكىن مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق، 15دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا بار چۈشكەندىن كېيىن ئۆرلەشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1218
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.