2017-يىلى 1-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-01-17 10:50:40

\


ئاساسىي ئانالىز

سەيشەنبە (1-ئاينىڭ 17-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى 1203 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، دۈشەنبە (1-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىش خەۋىرى بازارغا ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىپ، ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان، ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى 1208دوللار ئەتراپىغا چىققان، . بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسسا مېينىڭ ياۋروپادىن چېكىنىش پىلانىغا ئايىت سۆزى، ئەگەر ئۇ ياۋروپادىن چېكىنىش مەيدانىدا تۇرىدىغانلىقىدىن بىشارەت بەرسە، ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1208.7-1197.4دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن تەھلىلدە 1198 ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئالىمىز پايدىسىنى 1210دوللار ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن بازار تەۋرىنىشى سۇس بولۇپ مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، ئارقىدىن ئالتۇن باھاسى 1207دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1201دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا ئامېرىكا تەرەپ ئارام ئالغانلىقى ئۈچۈن بازار تەۋرىنىشى سۇس بولدى، ئەگەر تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 5دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئاۋال يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىپ، سودىنى ئاخىرلاشتۇرغاندىن كېيىن, تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1212
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.