2017-يىلى 1-ئاينىڭ 16-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-01-16 10:58:25

\


ئاساسىي ئانالىز

دۈشەنبە (1-ئاينىڭ 16-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 1204.7دوللار ئەتراپىغا چىققان، يەكشەنبە كۈنىدىكى ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىش خەۋىرى بازارغا ئېنىقسىزلىق پەيدا قىلىپ، ئالتۇننىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى ئاشۇرۇپ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. جۈمە(1-ئاينىڭ 13-كۈنى) ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقىپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئالتۇن باھاسى ئەڭ تۆۋەن 1187دوللار ئەتراپىغا چۈشكەن، بىراق ئارقىدىن يۇقىرى ئۆرلىگەن. بۇ ھەپتە بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئەنگلىيە باش ۋەزىرى تېرېسسا مېينىڭ سۆزى، ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ يىغىنى، تىراپنىڭ پرېزىدېنتلىققا ئولتۇرۇش نۇتىقى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلېننىڭ نۇتۇق سۆزى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1187.9-1200.9 دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، جۈمە كۈنى تەھلىل بويىچە 1191دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى بىر قىسمىنى 1196دوللار ئەتراپىدا بىر قىسمىنى 1198دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، 1120دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، ئەگەر چۈشۈشكە ئالغانلار بولسا 1190دوللار ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى. 1193 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مالغا پۇرسەت بەرمىدى، ئەگەر 1198دوللاردا زىيان بەلگىلىگەنلەر بولسا زىياندا چىقىپ كەتتى. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 12دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1210
مۇتەخەسسىس : ئالىيە


ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.