2016-يىلى 11-ئاينىڭ30-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-11-30 11:04:19

\

ئالتۇن باھاسى چارشەنبە (11-ئاينىڭ 30-كۈنى) ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرى ۋاقتىدا ئالتۇن باھاسى 1190دوللار ئەتراپىدا تەۋرەندى. سەيشەنبە (11- ئاينىڭ 29-كۈنى) ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىقىپ، ئامېرىكىنىڭ12-ئايدا ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرى ئېشىپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلدى، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى 1181دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ، ئارقىدىن دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ چۈشۈشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى توسۇپ قويدى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى بولسا ئامېرىكىنىڭ ADPئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1195-1181دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن تەھلىل بويىچە 1190دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، 1191دوللاردا چىقىرىپ، قايتا 1187دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1189دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1182 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1188دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، ھەمدە 1189دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 4دوللار پايدا كۆرۈپ چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 13دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا تۆۋەن نۇقتىدىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى توغۇرلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1185 1200
مۇتەخەسسىس : ئالىيە



ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.