2016-يىلى 11-ئاينىڭ14-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-11-14 11:07:27

\

ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە (11-ئاينىڭ 14-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا 1213.91دوللار/ ئۇنسىيە ئەتراپىغىچە چۈشۈپ، چۈشۈش دائىرىسىنى تېخىمۇ كېڭەيتتى. جۈمە كۈنى (11- ئاينىڭ 11-كۈنى) دوللار كۆرسەتكۈچنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى، ئامېرىكىنىڭ قەرز پايدا نىسبىتىنىڭ ئېشىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئالتۇن باھاسى%3تۆۋەنلەپ5ئايدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىغا كەلگەن. بۇ ھەپتە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن ئۆز ئىچىگە ئالغان نەچچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئەمەلدارى لېكسىيە ئۇيۇشتۇرىدۇ، بۇندىن باشقا ئامېرىكا پارچە سېتىش مەلۇماتى بازارنىڭ مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ھېسابلىنىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1 جۈمە ئالتۇننىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1265-1219 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ئومۇمەن بازار چۈشۈشنى ئاساس قىلدى. تەھلىلدە، 1265دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1241دوللارغىچە كۆردۇق، ھەمدە تەھلىلدە 1241دوللاردىكى نۇقتىغا دىققەت قىلىمىز ئەگەر ئۇ نۇقتىدىن چۈشۈپ كەتسە داۋاملىق چۈشۈپ 1200دوللار ئەتراپىدا چۈشىدۇ دېگەن ئىدۇق، ئەگەر مۇشۇ باھادىن چۈشۈشكە ئەگىشىپ كىرگەن بولساق 20دوللار ئەتراپىدا پايدا ئالغان بولىمىز. يۇقىرىقى تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولسا 40دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى نۇقتىدىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، مۇھىم دىققەت نۇقتا 1219دوللاردىكى نۇقتا، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى توغۇرلاشنى تەۋسىيە قىلىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1330 1219
مۇتەخەسسىس : ئالىيە



ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.