2016-يىلى 8-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-08-25 11:56:46

\

ئاساسىي ئانالىز

پەيشەنبە كۈنى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرىدا 1325 دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرەندى، چارشەنبە كۈنى بازار مۆلچەرىدە ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىن سۆزىدە ئۆسۈم قوشۇشنى ئوتتۇرىغا قويىدۇ دەپ مۆلچەرلىگەن، شۇنىڭ بىلەن دوللار باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ، ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ ئەڭ تۆۋەن 1323.86 دوللارغا چۈشكەن. پەيشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتىكى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلىرى. نۆۋەتتە بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى جۈمە كۈنىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىننىڭ نۇتۇق سۆزى بولۇپ، يىغىندا ئۆسۈم قوشۇشقا دائىر سۆز قىلىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1340.2-1323.8 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، چارشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە 1336 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1340دوللاردا مالنى چىقاردۇق، ھەمدە 1340 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالغان مالنى 1325 دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن 1324 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالغان مالنى 1328دوللار ئەتراپىدا مالنى چىقاردۇق. ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 4+15+4=23دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1330-1328دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1323 دوللار ئەتراپىدا كۆرىمىز.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1334 1320

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.