2016-يىلى 8-ئاينىڭ 24-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-08-24 10:46:33

\

ئاساسىي ئانالىز

چارشەنبە كۈنى خەلقئارا ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتتىگەنلىك سودا بازىرىدا 1338 دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرەندى، سەيشەنبە كۈنى ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى ياخشى چىققان بولسىمۇ، بىراق بازارنىڭ قىزىق نۇقتىسى بۇ ھەپتىدىكى يەر شارىدىكى مەركىزىي بانكىلارنىڭ جېكسون خول يىللىق يىغىنىدا بولدى، ئالتۇن باھاسى 1335-1345 دوللار ئارىلىقىدا تار دائىرىدە تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بۈگۈن كەچتىكى ياۋروپا ئامېرىكىنىڭ ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلىرى. نۆۋەتتە بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى جۈمە كۈنىدىكى ئامېرىكا فېدېراتسىيە رەئىسى يېلىننىڭ نۇتۇق سۆزى بولۇپ، يىغىندا ئۆسۈم قوشۇشقا دائىر سۆز قىلىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1344.8 - 1335.4 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، سەيشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە 1342 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1338دوللاردا مالنى چىقاردۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ئېچىلغاندىن كېيىن 1344 دوللاردىن چۈشۈشكە ئالغان مالنى 1338 دوللار ئەتراپىدا مالنى چىقاردۇق. ئەگەر مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان بولساق 4+6=10دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز. تۈنۈگۈن چۈشۈشنىڭ مېلىنى چىقارمىغان بولساق 1335 دوللار ئەتراپىدا مالنى چىقارساق بولىدۇ.

2. بۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1343-1345دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1335-1333 دوللار ئەتراپىدا كۆرىمىز.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1345 1330

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.