2016-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2016-07-01 10:54:38

\

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە كۈنى خەلقئارا نەق مال ئالتۇن باھاسى ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ 1329 دوللار ئەتراپىدا بولدى.تۈنۈگۈن ئەنگلىيىنىڭ ياۋروپادىن چېكىنىشىگە قارىتا ئومۇمنىڭ ئاۋازىغا قويۇشى كەلتۈرۈپ چىقارغان ئېنىقسىزلىق، بازارنىڭ يەر شارى كەڭ پۇل سىياسىتى مۆلچەرىنى يەنىمۇ ئاشۇرغان، بۇنىڭ تەسىرىدە ئالتۇن باھاسى كىچىك دائىرىدە يۇقىرى ئۆرلەپ، ئەڭ يۇقىرى 1324.1 دوللار ئەتراپىغا چىقتى. 6-ئايدا ئالتۇن باھاسى %8.7 يۇقىرى ئۆرلەپ، 2 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ تاق ئايلىق ئۆسۈش دائىرىسىنى كۆرسەتتى، ئالدىنقى يېرىم يىلدا ئالتۇن باھاسى %25 يۇقىرى ئۆرلىگەن. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى بىر قاتار ئامېرىكا ئىقتىساد سانلىق مەلۇماتى.

مەشغۇلات باسقۇچى

.1 تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1312.9 - 1324 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن بىز تەھلىلدە 1314 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1318دوللاردا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، چۈشتىن كېيىن بازاردا 1320 دوللارغا كەلگەندە قولدىكى مالنى چىقاردۇق. كەچلىك تەھلىلدە ئالتۇن باھاسى 1323-1326 دوللاردىن چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 1317 دوللاردا چىقىرىمىز دېگەن ئىدۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1315 دوللارغا چۈشكەندە قولدىكى مالنى چىقاردۇق، ئەگەر تۈنۈگۈن مۇشۇ تەھلىل بويىچە سودا قىلغان خېرىدارلار بولسا 14 دوللار پايدا ئالغان بولىدۇ.

2.بۈگۈن ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇن باھاسىنى 1331 دوللار ئەتراپىدىن يېنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئېلىپ، پايدىسىنى 1325-1324 دوللار غىچە كۆرۈشكە بولىدۇ.زىياننى 1334 دوللاردا توختىتىمىز.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار

1334 1324

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.