2026-يىلى 7-ئاينىڭ 08-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-07-08 16:38:11

\

ئاساسىي ئانالىز
سەيشەنبە كۈنى (7-ئىيۇل)، گەرچە ھورمۇز بوغۇزى رايونىدىكى جىددىي ۋەزىيەت كۆرۈنەرلىك كۈچىيىپ، نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى شۇ كۈنى %1.42 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4105 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بازار يېپىلغان، بۇ يۈزلىنىش بازاردا يېقىنقى تۆت ئايدىن بۇيان شەكىللەنگەن سودا لوگىكىسىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان بولۇپ، جىددىي ۋەزىيەت كەسكىنلەشكەندە، نېفىت باھاسىنىڭ ئۆرلىشى يەر شارى پۇل پاخاللىقى مۆلچەرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىر قەدەر يۇقىرى ئۆسۈم نىسبىتىنى ساقلاش ئېھتىماللىقىنى كۈچەيتىپ، ئالتۇن باھاسىغا باسقۇچ خاراكتېرلىك بېسىم پەيدا قىلىدىكەن؛ مەبلەغ سالغۇچىلار نۆۋەتتە ئاساسلىق دىققىتىنى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايلىق يىغىن خاتىرىسىگە قاراتماقتا، بۇنىڭدىن كەلگۈسى پۇل سىياسىتىنىڭ يۆنىلىشى توغرىسىدا ئېنىق كۆرسەتمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن؛ چارشەنبە كۈنى (7-ئاينىڭ 8-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، ھازىر 4100 ئۆتكەل ئەتراپىدا تەۋرىنىۋاتىدۇ؛

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننى 4130 دىكى باھادا مۇقىم تۇرالىسا ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 4130 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4141 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4110-4116 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 4119 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4138 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 4132-4137 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 4137 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 4130 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 4180-4172 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن، 4180 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 4135 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 82 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس (DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس (DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4132-4148 ، 4200؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 4100-4108 ، 4090؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.