2026-يىلى 7-ئاينىڭ 07-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-07-07 15:50:37

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە (7-ئاينىڭ 6-كۈنى)، نەق مال ئالتۇن باھاسى دەسلەپتە ھەر ئۇنسىيەسى 4202.09 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، 6-ئاينىڭ 22-كۈنىدىن بۇيانقى ئىككى ھەپتىلىك ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى ياراتقان، لېكىن بۇ ۋەزىيەت داۋاملاشمىغان، ئامېرىكا دوللىرىنىڭ باھاسىنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسى تېز سۈرئەتتە تۆۋەنلەپ، ئەڭ تۆۋەن بولغاندا 4128 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈپ، تۆۋەنلەش نىسبىتى %1 كە يەتكەن. گەرچە بازار ئاخىرلىششىدا ئامېرىكا دوللىرىنىڭ ئۆسۈش نىسبىتىگە ئەگىشىپ تۆۋەنلەش نىسبىتى كىچىكلىگەن بولسىمۇ، نەق مال ئالتۇن ئەڭ ئاخىرىدا يەنىلا %0.24 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4164.75 ئامېرىكا دوللىرى بولغان. بۇ قېتىمقى ئۆرلەش، تۆۋەنلەشنىڭ كەينىدە دوللارنىڭ يۈزلىنىشى، ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتى بىلەن پۇل سىياسىتى مۆلچەرى ئوتتۇرىسىدىكى مۇرەككەپ رىقابەتنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى بار. مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئۈچى ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 6-ئايلىق يىغىنىنىڭ مۇھىم خاتىرىسى ئالتۇن بازىرىغا تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ئامىل بولۇپ قالغان. سەيشەنبە كۈنى (7-ئىيۇل) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسىنىڭ سودىسى 4163.54 دوللار بولدى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا يوللىغان سودا پىلانى بويىچە سودا پۇرسىتى بەرمىدى؛ ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4130-4138 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 4138 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4159 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 4130 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن، 4130 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4150 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 41 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس (DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس (DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4170-4180 ، 4200؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 4130 ، 4100 ، 4060؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.