2026-يىلى 6-ئاينىڭ 3-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-06-03 12:07:29

\

ئاساسىي ئانالىز
جۇغراپىيلىك ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم كەسكىنلەشكەن؛ جۇغراپىيلىك توقۇنۇش جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەتەرنى شىددەت بىلەن ئاشۇرۇپلا قالماي، خەلقئارا ئالتۇن باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىنى بىۋاستە كەلتۈرۈپ چىقارغان. چارشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 3-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن بىر مەھەل %0.5 كە يېقىن چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4462.24 ئامېرىكا دوللىرىغا تۆۋەنلىگەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكىنىڭ ئەڭ يېڭى خىزمەت ئورنى ۋە ئەمگەك كۈچىنىڭ يۆتكىلىشىنى تەكشۈرۈش (JOLTS) سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرىدا مۇرەككەپ سىگنال كۆرۈلگەن، خىزمەت ئورنى بوش قالغان كۈچلۈك ئېشىش نىسبىتى ئامېرىكا دوللىرىنى تىرەك بىلەن تەمىنلەپ، ئالتۇننىڭ داۋالغۇش يۈزلىنىشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن. توقۇنۇشنىڭ ئېنىقسىزلىقى بىلەن ماكرولۇق سانلىق مەلۇماتلارنىڭ گىرەلىشىپ كېتىشىنىڭ تەسىرىدە، بازار كەيپىياتى شىددەت بىلەن داۋالغۇپ، نېفىت باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، ئامېرىكىنىڭ خام نېفىت باھاسى بىر يېرىم ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىنى يېڭىلاپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 96.05 دوللارغا يەتكەن، پۇل پاخاللىقى مۆلچەرى شۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۆرلەپ، ئۆسۈمسىز مۈلۈك ئالتۇنغا كۆرۈنەرلىك بېسىم پەيدا قىلغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننى 4500-4530 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 4530 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 4515 ئەتراپىدا چىقرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا-ئامېرىكا بازىرىدا يوللىغان سودا پىلانى بويىچە سودا پۇرسىتى بەرمىدى؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 15 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4495-4500 ، 4538-4545 ، 4560-4580؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 4462 ، 4450 ، 4438 ؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.