2026-يىلى 6-ئاينىڭ 2-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-06-02 12:05:03

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىش ھالتىدە چۈشۈش يۈزلىنىشىنى كۆرسىتىپ، بىر مەھەل ھەر ئۇنسىيەسى 4447.71 ئامېرىكا دوللىرىلىق كۈن ئىچىدىكى تۆۋەن نۇقتىغا چۈشكەن؛ بۇ چۈشۈشنىڭ كەينىدە كۆپ خىل ئامىللار ئورتاق رول ئوينىغان بولۇپ، بىر تەرەپتىن، ئامېرىكا ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان 5-ئايلىق ISM ياساش كەسپى سېتىۋېلىش دېرىكتورى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئىپادىسى ئىنتايىن كۈچلۈك بولغان، بۇ سانلىق مەلۇمات ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ يۈزلىنىشىنى ئاشۇرۇپ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلىنىدىغان ئالتۇنغا بىۋاستە بېسىم پەيدا قىلغان. يەنە بىر تەرەپتىن، ئالدىنقى ھەپتە ئاخىرى مەزگىلىدە، جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت يەنە بىر قېتىم جىددىيلەشكەن، ھەم دۆلەتلەر ئارا توقۇنۇش كۈچەيگەن؛ توقۇنۇشنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقى توغرىسىدىكى بۇ خەۋەرلەر بازارنىڭ جۇغراپىيەلىك سىياسىي خەتەرگە بولغان ئەندىشىسىنى كۆرۈنەرلىك كۈچەيتىپ، خەلقئارا نېفىت باھاسىنىڭ %8 تىن ئېشىپ كېتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېقىنقى بىر ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. نېفىت باھاسىنىڭ شىددەت بىلەن ئۆرلىشى بازارنىڭ پۇل پاخاللىقى ئىستىقبالىغا بولغان ئەندىشىسىنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتكەن ھەمدە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈم قوشۇش مۇمكىنچىلىكىگە بولغان مۆلچەرىنى كۈچەيتكەن، بۇ ئامىللار بىرلىكتە ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئىلىپ كەلگەن؛

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننى 4500-4520 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 4509 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4522 ئەتراپىدا چىقرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4500 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشقا بولدۇ دېگەن؛ 4500 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4513 ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئامېرىكا بازىرىدا يوللىغان سودا پىلانى بويىچە سودا پۇرسىتى بەرمىدى؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 26 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4500 ، 4530؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 4450 ، 4420؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.