2026-يىلى 4-ئاينىڭ 29-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-04-29 13:14:45

\

ئاساسىي ئانالىز
سەيشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 28-كۈنى) نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى % 1.8 تۆۋەنلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى تەخمىنەن 4597 دوللار ئەتراپىدا بازار يېپىلىپ، تۆت ھەپتىدىن بۇيانقى تۆۋەن نۇقتا 4554 دوللار ئەتراپىغا چۈشۈپ قالغان. بۇ تۆۋەنلەش ئارقىسىدىكى تۈرتكە دەل جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ داۋاملىق جىددىيلىشىشى ۋە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ پۇل سىياسىتى يىغىنىنىڭ قوش بېسىمى.
گەرچە ئىككى دۆلەت توقۇنۇشى ھورمۇز بوغۇزىنى ئاساسىي جەھەتتىن قامال قىلىپ، ھەر تۇڭ نېفىتنىڭ باھاسى 111 دوللاردىن ئېشىپ كەتكەن بولسىمۇ، قائىدە بويىچە ئېيتقاندا، ئالتۇننىڭ خەتەردىن ساقلىنىش خۇسۇسىيىتىگە پايدىلىق بولسىمۇ، لېكىن ئەمەلىيەتتە ئالتۇن باھاسى تۆۋەنلەشكە قاراپ تەڭشەلگەن. نېفىت باھاسىنىڭ داۋاملىق ئۆسۈشى يەر شارى پۇل پاخاللىقى ئەندىشىسىنى بىۋاستە قوزغىغان، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بۇ يىل ئىچىدە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنى بېسىمغا ئۇچرىتىپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم شەكىللەندۈرگەن؛ چارشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 29-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن باھاسى تۆۋەن سەۋىيىدە تەۋرىنىپ، ھازىر ھەر ئۇنسىيەسى 4590 دوللار ئەتراپىدا بولۋاتىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن سودا پىلانى بويىچە پۇرسەت بەرمىدى؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن سودا پىلانى بويىچە پايدا-زىيان شەكىللەنمىدى. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4645 ، 4650 ، 4670 ، 4680 ، 4700 ؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 4580 ، 4575 ، 4555 ، 4500؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.