2026-يىلى 4-ئاينىڭ 20-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-04-20 15:46:32

\

ئاساسىي ئانالىز
دۈشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 20-كۈنى) خەلقئارا ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە تۆۋەنلەپ، 07:30 غىچە، بىر مەھەل 60 ئامېرىكا دوللىرىدىن كۆپرەك چۈشۈپ، ئەڭ تۆۋەن باھا 4760 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ كەسكىن تەڭشەش ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى كۈچلۈك ئىپادىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتكەن، ئاساسلىقى ھەپتە ئاخىرىدىكى جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ تۇيۇقسىز يامانلىشىپ كەتكەنلىكىدىن بولغان: ھورمۇز بوغۇزى يەنە تاقالغان، ئىران تەرەپ بولسا ئىككىنچى نۆۋەتلىك ئىككى دۆلەت سۆھبىتىگە قاتنىشىشنى ئېنىق رەت قىلغان ھەمدە ئىنكاس قايتۇرىدىغانلىقى ۋە ئۆچ ئالىدىغانلىقى توغرىسىدا قەسەم بەرگەن. بۇ بىر قاتار ۋەقەلەر يەر شارى ئېنېرگىيە خەتىرىنى ئاشۇرۇپلا قالماي، يەنە بازارنىڭ پۇل پاخاللىقىغا بولغان ئەندىشىسىنى كۈچەيتىپ، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنى كۆرۈنەرلىك بېسىمغا ئۇچرىتىپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ تېز سۈرئەتتە بىر ھەپتىلىك يۇقىرى سەۋىيەگە يېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئالتۇنغا كۆرۈنەرلىك بېسىم پەيدا قىلغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
جۈمە كۈنى ئاسيا بازىرىدا ئالتۇننى 4770-4780 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4800-4835 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4783 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4798 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن ئالتۇننى 4810-4800 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4780-4770 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4806 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 4782 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4800-4810 ئارلىقىدىكى باھالاردىن يىنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4780-4770 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4800 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 4782 ئەتراپىغىچە چىقرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئۆسۈشكە ئىلىش ئۈچۈن ئالتۇننى 4770-4780 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4800-4810 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4782 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4810 ۋە ئۇنىڭ يۇقىرسىدىكى باھالارغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛
ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 4850-4855 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4870-4888-4900 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛ چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 4880-4888 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4860-4850-4820 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4880 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 4854 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، جۈمە كۈنى ئۈچ قېتىملىق سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 105 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئاسىيا-ياۋروپا بازىرىدا دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى، ئامېرىكا بازىرىدا ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4800 ، 4835 ؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 4785 ، 4760 ، 4750؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.