2026-يىلى 4-ئاينىڭ 02-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-04-02 15:49:08

\

ئاساسىي ئانالىز
ئامېرىكا دوللىرىنىڭ كاساتلىشىشى ۋە جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ پەسىيىشى مۆلچەرىنىڭ تۈرتكىسىدە، چارشەنبە كۈنى (4-ئاينىڭ 1-كۈنى) ئالتۇن باھاسى ئۇدا تۆتىنچى سودا كۈنى ئۆرلىگەن، نەق مال ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل 4792 ئامېرىكا دوللىرىلىق يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەن، ئاخىرىدا ھەر ئۇنسىيەسى 4758 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بازار يېپىلغان. ھازىر مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ نەزىرى ترامپنىڭ يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان پۈتۈن مەملىكەتكە قىلغان سۆزىگە مەركەزلەشكەن. توقۇنۇشنىڭ دەرىجىسى ھەقىقىي تۆۋەنلەمدۇ؟ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرى قايتا ئوت ئالامدۇ ؟ بۇ ئېنىقسىزلىقلار ئالتۇن بازىرىنى يەر شارى مەبلەغ رىقابىتىنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندۇرغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
چارشەنبە كۈنى ئاسيا بازىرىدا ئالتۇننى 4630-4640 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4590-4600 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4640 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4680 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 4700-4710 ئەتراپىدىكى باھالاردىن يىنىك دەرىجىدە چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4570-4580 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛
ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4530-4540 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4580-4600-4620 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4530 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4594 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن ئالتۇننى 4610-4620 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4580-4550-4530 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛
ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 4550-4560 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4600-4620-4630 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4560 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4626 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ چۈشۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 4600-4610 ئارلىقىدىكى باھالاردا مۇقىم تۇرالىسا چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4560-4550 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەردى، لېكىن زىيان نۇقتىسىدا چىقىپ كەتتى؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى ئۈچ قېتىملىق سودا پىلانى بويىچە تەخمىنەن 110 دوللار ئەتراپىدا پايدا، 25 دوللار ئەتراپىدا زىيان شەكىللەندى. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4700 ، 4710 ، 4730 ، 4740 ؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 4680 ، 4650 ، 4640 ، 4600؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.