2026-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسسىي

ilkan_3 2026-02-25 15:57:56

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە كۈنى ( 2-ئاينىڭ 26-كۈنى ) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، ھازىر ھەر ئۇنسىيە 5150 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرەنگەن. سەيشەنبە كۈنى ( 2-ئاينىڭ 24-كۈنى ) نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسىدا كۆرۈنەرلىك تەڭشەش كۆرۈلۈپ، بىر مەھەل %2.5 تىن 5094 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلاشقان، ھەر ئۇنسىيە 5141.43 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بازار يېپىلغان، تۆۋەنلەش نىسبىتى تەخمىنەن %1.65 بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇدا تۆت سودا كۈنىنىڭ ئۆرلەش ئەھۋالى ئۈزۈلۈپ قالغان. بۇ نۆۋەتلىك تەڭشەش ئاساسلىقى بازارنىڭ پايدا ئېلىشنى ئاخىرلاشتۇرۇش ھەرىكىتىگە ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ كۆرۈنەرلىك كۈچىيىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ھېسابلانغان قىممەتلىك مېتاللارنىڭ بېسىمنىڭ تۆۋەنلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى يېقىنقى ئۈچ ھەپتىلىك يۇقىرى نۇقتىغا يەتكەندىن كېيىن تۆۋەنلەپ، دۈشەنبە كۈنىدىكى كۆپ قىسىم ئۆسۈش نىسبىتىنى قايتۇرۋالغان، كۈندىلىك K سىزىقىدا «يۇتۇش» چۈشۈشكە قاراش سىگنالى شەكىللىنىپ، قىسقا مۇددەتلىك ئۆسۈش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنىڭ ئاجىزلىغانلىقىنى كۆرسەتكەن.
گەرچە باھا تۆۋەنلىگەن بولسىمۇ، ئەمما يەنىلا تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش تىرەش بىلەن تەمىنلىگەن، سودىغا قاتناشقۇچىلار ئامېرىكا زوڭتۇڭى ترامپنىڭ كېيىن ئېلان قىلىنىدىغان دۆلەت ئەھۋالى دوكلاتىنىڭ مەزمۇنىغا ئىنتايىن دىققەت قىلماقتا ( بېيجىڭ ۋاقتى چارشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:00 ). بۇ سۆز مالىيە سىياسىتى، سودا تاموژنا بېجى ۋە خەلقئارا مۇناسىۋەت قاتارلىق ھالقىلىق قارالمىلارغا چېتىلىدىكەن ياكى بازارنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا يۆنىلىش يېتەكچىلىكى بىلەن تەمىنلەيدىكەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئەمەلدارلىرى يېقىندا داۋاملىق قويۇپ بەرگەن قاتتىق قوللار سىگنالى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنى داۋاملىق قوللىغان، مەسىلەن بوستون بىرلەشمە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى ئەمگەك كۈچى بازىرى سانلىق مەلۇماتىنىڭ ياخشىلىنىشى ھەمدە پۇل پاخاللىقى خەتىرىنىڭ يەنىلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۆسۈم نىسبىتى بىر قەدەر ئۇزۇن بىر مەزگىل ئۆزگەرمەيدۇ، دېگەن. بۇ خىل پۇل سىياسىتى مۆلچەرى ئامېرىكا دوللىرىنىڭ جەلپ قىلىش كۈچىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئالتۇننى بىۋاستە بېسىمغا ئۇچراتقان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسيا بازىرىدا ئالتۇننى 5195-5200 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5160-5135 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 5192 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 5160 ئەتراپىغىىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئۆسۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 5130-5140 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5180-5200 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛
ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 5180-5185 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5135-5130-5100-5095 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ئۆسۈشكە ئىلىش ئۈچۈن 5130-5135 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5180-5185 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەردى، 5105 دىكى تىرەشنى ىبۇزۋىتىپ زىيان نۇقتىسىدا چىقىپ كەتتى؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى ئىككى قېتىملىق سودا پىلانى بويىچە 32 دوللار ئەتراپىدا پايدا، 30 دوللار ئەتراپىدا زىيان شەكىللەندى. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 5195 ، 5200 ، 5210 ، 5215 ، 5230؛
تىرەش نۇقتىلىرى: 5175 ، 5170 ، 5160 ، 5155 ، 5140 ، 5135 ؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.