2026يىلى2- ئاينىڭ04- كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىس

ilkan_3 2026-02-04 15:37:38

\

ئاساسىي ئانالىز
ئالتۇن باھاسى بىر مەيدان كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئۆرلەشنى كۈتۈۋالغان. سەيشەنبە كۈنى ( 2-ئاينىڭ 3-كۈنى )، نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى %6 تىن ئېشىپ، 2008-يىلى 11-ئايدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ يەككە كۈنلۈك ئۆسۈش نىسبىتى يارىتىلغان، بۇ بىر قېتىملىق تېخنىكىلىق تەڭشەش بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى بازارنىڭ ئاساسىي جەھەتتىن مۇستەھكەم بولۇشىغا بولغان كوللېكتىپ ئىنكاسى. گەرچە ئالدىنقى ھەپتە ئالتۇن باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيە 5596.33 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولسىمۇ، لېكىن كېيىنكى ئىككى سودا كۈنىدىكى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كېتىشى مەبلەغ سالغۇچىلارنى بىر مەھەل ساراسىمىگە سالغان. ھالبۇكى، تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش دولقۇنىنىڭ كىرىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇننىڭ باھاسى دۈشەنبە كۈنىدىكى ئەڭ تۆۋەن 4401.24 ئامېرىكا دوللىرىدىن ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيە 4945 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، 4-ئايدا تاپشۇرۇلغان ئامېرىكا ئالتۇن قەرەللىك مال باھاسىمۇ %6.1 ئۆرلىگەن، راسچوت باھاسىنىڭ ھەر ئۇنسىيەسى 4935 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن.
بۇ قېتىمقى ئۆرلەش قىممەتلىك مېتاللار بازىرىنى جانلاندۇرۇپلا قالماي، كۈمۈش باھاسىمۇ ماس قەدەمدە %7.5 تىن 85.01 ئامېرىكا دوللىرىغىچە ئۆرلەپ، ئالدىنقى جۈمە كۈنىدىكى %27 چۈشۈش ۋە دۈشەنبە كۈنىدىكى %6 چۈشۈش ۋەزىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرغان. تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا مۇنداق دەپ قارىغان: بۇ قېتىمقى ئۆرلەش ئالتۇننىڭ ئۇزاق مۇددەتلىك ئىتتىك بازىرىنىڭ قايتىپ كەلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، ئارقىسىدىكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ ئامىللار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ سىياسەت مۆلچەرى، جۇغراپىيەلىك جىددىيلىك ۋە ئامېرىكا دوللىرى يۈزلىنىشىدىكى نازۇك ئۆزگىرىشلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چارشەنبە كۈنى (2-ئاينىڭ 4-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە تەۋرىنىپ، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيە 4942 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تەۋرەندى.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسيا بازىرىدا ئالتۇننى 4700-4720 ئارلىقىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4800-4850 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ تۆۋەن باھا 4746 ئەتراپىغىچە چۈشۈپ ئۆسۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى. ھەمدە 4830-4850 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4750-4700 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەردى، لېكىن پايدا رايۇنغا پۇرسەت بەرمەي ئۆرلەپ كەتتى؛
ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4920-4900 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4820-4800 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ يۇقىرى باھا 4949 ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، ئەگەر 4949 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئالغانلار بولسا 4882 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 4780-4800 دىكى باھالاردا مۇقىم تۇرالىسا ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4850-4880 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛ ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 4880-4890 ئارلىقىدىكى باھالاردا مۇقىم تۇرالىسا ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 490-4910 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ تۆۋەن باھا 4895 ئەتراپىغىچە چۈشتى، ئەگەر مۇشۇ باھالاردىن ئۆسۈشكە ئالغانلار بولسا 4995 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 4950-4960 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4900-4910 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەردى، لېكىن پايدا رايۇنغا پۇرسەت بەرمەي ئۆرلەپ زىيان نۇقتىسىدا سېتلىپ كەتتى؛ ئومۇمەن، سەيشەنبە كۈنى ئۈچ قېتىملىق سودا مەشغۇلاتى بويىچە 110 دوللار ئەتراپىدا پايدا، 100 دوللاردىن كۆپرەك زىيان شەكىللەندى. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 5080 ، 5100 ، 5130 ، 5150
تىرەش نۇقتىلىرى: 5020 ، 5040 ، 5010 ، 5000 ، 4990 ، 4980

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.