2026يىلى2- ئاينىڭ03- كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىس

ilkan_3 2026-02-03 13:04:53

\

ئاساسىي ئانالىز
ئۆتكەن بىر نەچچە سودا كۈندە، يەر شارى ئالتۇن بازىرى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان ئەھۋالىنى باشتىن كەچۈرگەن. نەق مال ئالتۇننىڭ باھاسى 5600 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىنلىشىپ، 4401 ئامېرىكا دوللىرىلىق تۆۋەن نۇقتىغا چۈشۈپ قالغان، قىسقا ۋاقىت ئىچىدە 1200 ئامېرىكا دوللىرىغا يېقىن تۆۋەنلەش نىسبىتى پۈتۈن دۇنيادىكى مەبلەغ سالغۇچىلارنى ھاڭ-تاڭ قالدۇرغان. بۇ قېتىمقى بوران-چاپقۇننىڭ مەركىزى چىكاگو تاۋار سودا ئورنى ( CME ) نىڭ كاپالەت پۇلىنى ئۆستۈرۈش ئۇقتۇرۇشى ھەمدە بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كەلگۈسى رەئىس نامزاتىنى كەسكىن قايتا مۆلچەرلىشى ئىكەن. ھالبۇكى، قارىماققا ۋەھىمە خاراكتېرلىك تۆكمە قىلىپ سېتىش دولقۇنى ئاستىدا، تەھلىلچىلەر ئومۇميۈزلۈك ھالدا، بۇ بەلكىم ئۆسۈش بازىرىنىڭ ئاخىرلىشىشى بولماسلىقى مۇمكىن، بەلكى كېيىنكى تېخىمۇ ساغلام ئۆرلەش ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلغان تەڭشەش دەپ قارىغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسيا بازىرىدا ئالتۇننى 4780-4800 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4700 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ يۇقىرى باھا 4770 ئەتراپىغىچە چىقىپ چۈشۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى. ھەمدە 4580 دىكى باھادا مۇقىم تۇرالىسا ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4780 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ تۆۋەن باھا 4598 ئەتراپىغىچە چۈشۈپ، ئۆسۈشكە ئىلىشقا پۇرسەت بەرمەيلا ئۆرلەپ كەتتى؛
ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4700-4720 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4600 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ، ئەگەر 4600 دىكى تىرەشتىن چۈشۈپ كەتسە 4550-4500 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4720 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ 4660 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 4580-4600 دىكى باھالاردا مۇقىم تۇرالىسا ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4700 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى؛ ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 4830-4850 ئارلىقىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4650-4600 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ چۈشۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ ھەمدە 4650-4600 دىكى باھالاردا مۇقىم تۇرالىسا ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 4800 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 4600 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 4708 ئەتراپىغىىچە چىقرىىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، دۈشەنبە كۈنى ئۈچ قېتىملىق سودا مەشغۇلاتى بويىچە 168 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە، يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛

دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلىرى:

توسالغۇ نۇقتىلىرى: 4830 ، 4850 ، 4900 ، 5000
تىرەش نۇقتىلىرى: 4700 ، 4650 ، 4600

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.