2026يىلى1- ئاينىڭ29- كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىس

ilkan_3 2026-01-29 15:37:11

\

ئاساسىي ئانالىز
پەيشەنبە(1-ئاينىڭ29-كۈنى)ئاسىيا ئەتتىگەنلىك بازىرىداCOMEX ئالتۇن زايۇمىنىڭ باھاسى تۇنجى بولۇپ 5600دوللاردىكى ئۆتكەلگە يېتىپ،تارىخىي يۇقرى نۇقتىنى يېڭىلىغان،بۇ پەقەتلا ساندىكى ئۆرلەش بولۇپلا قالماستىن،يەنە جۇغراپىيلىك ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلىشىشى بىلەن پۇل سىياسىتىنىڭ ئورتاق تەسىرىگە ئۇچىرىغان. بولۇپمۇ ئامېرىكا ئېران توقۇنۇشىنىڭ كۈچەيگەن ئارقا كۆرۈنىشى ئاستىدا، مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن بازىرىغا تۈركۈلەپ كىرگەن، بۇمۇ ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۇدا 8 سودا كۈنى ئۆرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، ئۆسۈش نىسبىتى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بولۇپ، ئامېرىكا فېدراتسىيە زاپاس پۇل كومتېتىنىڭ ئۆسۈم قارارىنىڭ ئۆزگەرمەسلىكى قىسقا تەۋرەشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، لىكىن يەنىلا خەۋىپتىن ساقلىنىپ سودا قىلىش ۋەزىيتىنى توسۇپ قالالىغان. تاكى 07:50 گە قەدەر، نەق مال ئالتۇننىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى 5596.33دوللارغا يەتكەن؛ COMEX ئالتۇن زايۇمىنىڭ ئەڭ يۇقىرى باھاسى 5626.8دوللارغا يەتكەن بولۇپ، ھەممىسى تارىخىي يۇقىرى باھانى يېڭىلىغان، ئەڭ يۇقىرى ئۆسۈش نىسبىتى %3.35 بىلەن % 5.37 بولغان، قىسقا ئارلىق ئۆسۈش نىسبىتى بىر قەدەر چوڭ بولغاچقا قىسقا ئارلىقتا سودا قىلغانلار پايدا ئېلىپ بازاردىن چېكىنگەن، نۆۋەتتە بازار تەڭشەش ئېلىپ بېرىلىپ، ئالتۇن باھاسى 5500 دوللاردىكى ئۆتكەل ئەتراپىغا كەلگەن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. چارشەنبە كۈنى ئاسيا-ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 5218-5220 دىكى تىرەش نۇقتىلاردىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5230-5240 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ تۆۋەن باھا 5230 ئەتراپىغا چۈشۈپ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى. ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4300-4310 ئەتراپىدىكى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5290-5270 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 5300 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ 5265 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ھەمدە 5270 دىن چۈشۈپ كەتسە 5250-5240 ئەتراپىدىكى باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5300 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ ئۆسۈشكە ئالدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمەيلا پايدا رايۇنغا يېتىپ كەتتى؛ كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 5260 دىكى تىرەشتىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئىلىپ پايدىسىنى 5272-5280 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 5260 ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئىلىپ 5280 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ ئومۇمەن، چارشەنبە كۈنى ئۈچ قېتىملىق سودا مەشغۇلاتى بويىچە 20 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى.
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: 5525,5536,5550,6664;5570,5580,5590,5596,5600؛ تىرەش نۇقتىسى: 5400,5450,5480。5500 ؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.