2025يىلى12- ئاينىڭ16 - كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىس

ilkan_2 2025-12-16 11:42:56

\

ئاساسىي ئانالىز
نەق مال ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە ( 10-ئاينىڭ 15-كۈنى ) ئۆرلەپ چۈشۈشتەك كەسكىن داۋالغۇشنى باشتىن كەچۈرگەن. بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشىگە بولغان مۆلچەرى ۋە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ ئۆزگىرىشى تۈپەيلىدىن، نەق مال ئالتۇن بىر مەھەل 4350 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلدىكى پىسخىكا يۇقىرى پەللىسىگە يېقىنلاشقان، بۇ باھا ئالدىنقى جۈمە كۈنى يارىتىلغان يەتتە ھەپتىلىك ئەڭ يۇقىرى رېكورتنى يېڭىلىغان. ئەمما، خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتىنىڭ تېز سۈرئەتتە پەسىيىشىگە ئەگىشىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ كۆپ قىسىم ئۆسۈش نىسبىتى ناھايىتى تېزلا قايتۇرۇپ كېلىنىپ چۈشۈش كۆرۈلگەن. ئەڭ ئاخىرىدا ھەر ئۇنسىيەسى 4304.91 دوللار بىلەن بازار يېپىلىپ، بىر كۈن ئىچىدە ئاران %0.1 ئۆرلىگەن. بۇ ئۆزگىرىشنىڭ ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ئامېرىكا ئەمەلدارى بىلەن ئۇكرائىنا زۇڭتۇڭى زېلېنسكىينىڭ مۇھىم سۆھبىتىدە قولغا كەلتۈرۈلگەن ئىلگىرىلەشلەردىن كەلگەن بولۇپ، بۇ بازارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش ئېھتىياجىنى كۆرۈنەرلىك تۆۋەنلەتكەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، پۈتۈن دۇنيادىكى سودىگەرلەرنىڭ نەزىرى پات ئارىدا ئېلان قىلىنىدىغان ھالقىلىق ئامېرىكىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق مەلۇماتىغا يۆتكەلگەن. چۈنكى بۇ سانلىق مەلۇماتلار ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ كەلگۈسىدىكى پۇل سىياسىتى يولىنى يەنىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا ئېچىپ بېرىدۇ. سەيشەنبە ( 12 - ئاينىڭ 16 - كۈنى ) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا نەق مال ئالتۇن باھاسىدا داۋالغۇش بولۇپ ئازىراق ئۆرلەش كۆرۈلدى، ھازىر ھەر ئۇنسىيەسى 4308.64 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۇرىۋاتىدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسيا-ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4326 ۋە 4330 دىكى توسالغۇلاردىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 4312-4318 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن، چۈشۈشكە ئالىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى. 4309 دىكى تىرەشتىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 4320-4330 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن، 4309 ئەتراپىدىكى تىرەش رايونىغا چۈشمەيلا ئۆسۈپ كەتتى. ئومۇمەن دۈشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە ھېچقانداق پايدا-زىيان شەكىللەنمىدى. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: ,4320,4325,4330,4336,4340,4350
تىرەش نۇقتىسى: 4303,4298,4293,4285,4280,4277,4270

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991
سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.