2025يىلى12- ئاينىڭ15 - كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىس

ilkan_2 2025-12-15 12:36:42

\


ئاساسىي ئانالىز
ئالدىنقى جۈمە ( 12-ئاينىڭ 12-كۈنى ) ئالتۇن باھاسىنىڭ ئىپادىسى ناھايىتى ياخشى بولغان، نەق مال ئالتۇن %0.48 ئۆرلەپ ھەر ئۇنسىيە ئالتۇننىڭ باھاسى 4300 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۇرغان، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا ھەر ئۇنسىيەسى 4353 ئامېرىكا دوللىرىغا چىققان. بۇ 10-ئاينىڭ 21-كۈنىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا قەرەللىك پۇلىمۇ %0.4 ئۆسكەن، راسچوت باھاسى 4328.3 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. بۇ خىل ئۆرلەش ۋەزىيىتى ئالتۇننىڭ كۆپ تەرەپلىمىلىك ئىشەنچىسىنى ئاشۇرغان، بولۇپمۇ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى ئالدىنقى ھەپتە ئۈچىنچى قېتىم ئۆسۈمنى 25 ئاساسىي نۇقتا تۆۋەنلەتكەندىن كېيىن، بازارنىڭ كەڭ پۇل سىياسىتىگە بولغان مۆلچەرى يەنىمۇ كۈچەيگەن.
گەرچە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى تېخىمۇ كۆپ سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن ئۆسۈمنى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىشكە قارىتا ئېھتىياتچان پوزىتسىيەدە بولىدىغانلىقىدىن بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا كېلەر يىلىمۇ ئىككى قېتىم ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش پۇرسىتى بولىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن، بۇ ئەھۋال ۋە مۆلچەرلەرنىڭ ھەممىسى ئالتۇنغا كۈچلۈك تىرەك بولغان، ئالتۇن ئەنئەنىۋى خەۋپتىن ساقلىنىش مۈلكى بولۇش سۈپىتى بىلەن يەر شارى ئېنىقسىزلىقى كۈچىيىۋاتقان ئەھۋالدا، داۋاملىق مەبلەغ جەلپ قىلماقتا. دۈشەنبە ( 12-ئاينىڭ 15-كۈنى ) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى نەق مال ئالتۇن تار دائىرىلىك تەۋرىنىش ئېلىپ بېرىپ نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4306.17 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا تۇرىۋاتىدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى ئاسيا-ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4280 ۋە 4287 دىكى توسالغۇلاردىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى ئاۋۋال 4270 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن، چۈشۈشكە ئالىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى. باھا ئۆرلەپ تۇنجى قېتىم 4300 ئەتراپىغا چىققاندا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 4290 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن، ئوخشاشلا چۈشۈشكە ئالىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەرمىدى. ئومۇمەن جۈمە كۈنى تەھلىل بويىچە ھېچقانداق پايدا-زىيان شەكىللەنمىدى. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: 4326 4330,4335,4340,4346,4350,4353
تىرەش نۇقتىسى: 4318,4312,4309,4300,4295,4290,4284

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ.
قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.