2025يىلى11- ئاينىڭ12 - كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-11-12 12:42:05

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە (11-ئاينىڭ 12-كۈنى) ئاسىيا بازىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدە، نەق مال ئالتۇن ئازراق ئۆرلىگەن، نۆۋەتتە ھەر ئۇنسىيەسى 4135 دوللار ئەتراپىدا سودا قىلىنىپ، ئالدىنقى بىر نەچچە سودا كۈنىدىكى ئېشىش نىسبىتى ساقلاپ قېلىنغان. ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى %0.27 ئۆرلەپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4126.62 دوللار بىلەن بازار يېپىلغان، كۈندۈزى ئەڭ يۇقىرى باھا 4148.91 دوللارغا يېتىپ، 10-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيەنى ياراتقان، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختىتىشى ئاخىرلىشاي دەپ قالغان، ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلار ئەسلىگە كېلىش ئالدىدا تۇرماقتا، شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش تەرەپدارلىرىنىڭ ئۆسۈم نىىسبىتىنى ئۆزگەرتىمەسلىككە ئايلىنىشىنىڭ ئېنىق سىگنالى ئالتۇن بازىرىدىكى ئوتىنى بىرلىكتە ياندۇرغان.
سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، سەيشەنبە كۈنى يەرشارى بويىچە ئەڭ چوڭ ئالتۇن ETF − SPDR ئىلكىدىكى ئالتۇن 4.3 توننا كۆپىيىپ، 4046.36 توننىغا يېتىپ، 10-ئاينىڭ 25-كۈنىدىن بۇيانقى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسيا- ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4141 ۋە 4137 دىكى توسالغۇ نۇقتىلاردىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 4122-4130 ئەتراپىدىكى تىرەش رايونلىرىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن. 4141 دىن چۈشۈشكە ئېلىپ 4128 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. ئومۇمەن سەيشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە 13 دوللار پايدا شەكىللەندى. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: 4145,4150,4155,4160,4164,4172
تىرەش نۇقتىسى: 4126,4120,4114,4108,4100

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991






سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.