2025يىلى11- ئاينىڭ03 - كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-11-03 12:34:12

\


ئاساسىي ئانالىز
ئۆتكەن ھەپتىدە ئالتۇن باھاسىدا تەڭشىلىش ۋەزىيىتى داۋاملاشقان، ئۆتكەن سەيشەنبە (10-ئاينىڭ 28-كۈنى) ئەڭ تۆۋەن باھا 3886 ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىپ، ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى يېڭى رېكورتنى ياراتقان. ھالبۇكى، ئۆتكەن پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى زور دەرىجىدە ئۆرلىگەن، گەرچە ئۆتكەن جۈمە (10-ئاينىڭ 31-كۈنى) نەق مال ئالتۇن باھاسى ئازراق تۆۋەنلەپ، % 0.5 چۈشۈپ، ھەر ئۇنسىيەسى 4002.94 ئامېرىكا دوللىرى بىلەن ئاياغلاشقان بولسىمۇ، لېكىن 10-ئايدا ئالتۇن باھاسى جەمئىي% 3.7 ئۆرلەپ، ئۇدا ئۈچىنچى ئاي ئۆرلەشنى ئىشقا ئاشۇرغان. ئۆتكەن جۈمە كۈنى، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ نۇرغۇن ئەمەلدارى ئۆسۈم نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش توغىرىسدا سۆزى قىلغان، بۇنىىڭ بىلەن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 12-ئايدا ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش ئېھتىماللىقى يەنە بىر قېتىم تۆۋەنلەپ، ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچى يېقىنقى ئۈچ ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتىنى يېڭىلاپ، ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. لېكىن بازاردا قاراپ بېقىش كەيپىياتى بىر قەدەر قويۇق بولغان. چۈنكى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تارىختىكى ئەڭ ئۇزاق ۋاقىتقا يېقىنلىشىپ توختاپ قالغان، خەلقئارا جۇغراپىيەلىك ۋەزىيەت يەنىلا داۋالغۇپ، يەنىلا ئالتۇن باھاسىنى تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن.
ئەسكەرتىشكە تېگىشلىكى شۇكى، شىمالىي ئامېرىكا رايونىدا يەكشەنبە (11-ئاينىڭ 2-كۈنى) دىن باشلاپ قىشلىق ۋاقىت رەسمىي يولغا قويۇلغاندا، ئامېرىكا ۋە كانادا پۇل مۇئامىلە بازىرىدىكى ئاساسلىق سودا تۈرلىرى، مەسىلەن، ئالتۇن-كۈمۈش، ئامېرىكا نېفىتى، ئامېرىكا پاي چېكىنىڭ سودا ۋاقتى ھەمدە مۇھىم ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇماتلارنى ئېلان قىلىش ۋاقتى يازلىق ۋاقىتتىن بىر سائەت ئومۇميۈزلۈك كەينىگە سۈرۈلىدىكەن.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. جۈمە كۈنى ئاسيا- ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 3995-3997 دىكى تىرەشتىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 4005-4010 ئەتراپىدىكى توسالغۇ نۇقتىلىرىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن. 3996 دىن ئۆسۈشكە ئېلىپ 4006 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. ئومۇمەن جۈمە كۈنى تەھلىل بويىچە 10 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: 4001,4006,4009,4015,4022
تىرەش نۇقتىسى: 3986,3981,3976,3970,3960,3958

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991





سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.