2025يىلى10- ئاينىڭ15 - كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-10-15 15:31:22

\


ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە ( 10 - ئاينىڭ 15 - كۈنى ) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى نەق مال ئالتۇن باھاسى داۋاملىق ئۆرلەپ، سائەت 07:42 گىچە، بىر مەھەل 20 ئامېرىكا دوللىرى ئۆرلەپ 4165.89 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. خەلقئارانىڭ سودا ۋەزىيىتىگە بولغان ئەندىشە كەيپىياتى يەنە كۈچىيىپ، ئالتۇن باھاسىنى ئۆرلىتىدىغان ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى بىلەن تەمىنلىگەن. چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى بىر مەھەل تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا يەنى 4179.47 دوللارغا چىققان. گەرچە بازار باھاسى بىر مەھەل 4100 دوللارنىڭ ئاستىغا چۈشكەن بولسىمۇ، لېكىن تۆۋەن باھادا سېتىۋېلىش ئەندىزىسى ناھايىتى تېزلا ئالتۇن باھاسىنىڭ قايتا ئۆسۈشىگە ياردەم بېرىپ، بازار يېپىلىش باھاسى %0.77 ئۆرلەپ، 4142.01 دوللارغا يەتكەن. خەلقئارا سودا ئەندىشىسى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ توختىشى، جۇغراپىيەلىك سىياسىي بوران - چاپقۇن ۋە پۇل سىياسىتىنىڭ بۇرۇلۇشى ئالتۇن باھاسىنىڭ يەنىمۇ ئۆسۈشىگە ياردەم بەرمەكتە. ئورگانلار ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈش نىشانىنى 5000 دوللارلىق ئۆتكەلنىڭ ئۈستىگە قويدى. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان ھازىرغىچە ئالتۇننىڭ ئۆسۈش نىسبىتى %57 گە يەتتى. يەنى يىل بېشىدىكى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ھالەتتىن بۈگۈنكى يۇقىرى پەللىگە يەتتى. ئۇ سودا جېڭىنىڭ ئىس ـ تۈتەكلىرى، مەركىزىي بانكىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى تەلۋىلەرچە ئاشۇرۇشى شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ بىلىنەر ـ بىلىنمەس كەڭ پۇل سىياسىتىنى قويۇپ بېرىشىغا گۇۋاھچى بولدى.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. سەيشەنبە كۈنى ئاسيا- ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى 4159-4160 ئەتراپىدىكى توسالغۇ نۇقتىلاردىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 4145-4150 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن. چۈشۈشكە ئالىدىغان باھالارغا پۇرسەت بەردى لېكىن پايدا رايونىغا پۇرسەت بەرمىدى. ئومۇمەن سەيشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە پايدا-زىيان شەكىللەنمىدى. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن تەۋرەنمە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: 4176,4183,4187,4190,4200
تىرەش نۇقتىسى: 4160,4153,4150,4146,4142,4138,4128

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ، سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.