2025يىلى9- ئاينىڭ9 - كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_2 2025-09-09 15:04:57


\

ئاساسىي ئانالىز
ئالتۇن بازىرى يەنە بىر قېتىم تارىخىي پەيتنى كۈتۈۋالغان. دۈشەنبە كۈنى ( 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنى )، ئالتۇن باھاسى ھەر ئۇنسىيە 3600 ئامېرىكا دوللىرىلىق ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئەڭ ئاخىرىدا 3646.23 ئامېرىكا دوللىرىلىق تارىخىي يېڭى رېكورت يارىتىلغان. بازار 3635.58 ئامېرىكا دوللىرىلىق باھادا يېپىلىپ، ئۆسۈش نىسبىتى تەخمىنەن %1.35 بولغان. ئامېرىكا ئەمگەك كۈچى بازىرىنىڭ ئاجىزلىشىش سىگنالىدىن ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىش مۆلچەرىنىڭ كۈچىيىشىگىچە، ھەرقايسى دۆلەت مەركىزىي بانكىلىرىنىڭ ئالتۇن زاپىسىنى داۋاملىق كۆپەيتىشى ھەمدە ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ۋە زايوم بازىرىنىڭ بىرلەشمە ئىنكاسى ئالتۇن باھاسىنى پۇختا تىرەك بىلەن تەمىنلىگەن. بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئالتۇن باھاسى جەمئىي 38 %ئۆرلەپ، بۇلتۇرقى 27 %لىك ئۆرلەش ۋەزىيىتىنى داۋاملاشتۇرغان. قارىماققا ئالتۇننىڭ ئۆسۈشى يېڭىدىن باشلانغاندەك قىلاتتى. سەيشەنبە كۈنى (9 - ئاينىڭ 9 - كۈنى ) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدىكى نەق مال ئالتۇن يۇقىرى باھالاردا تەۋرىنىش ھاسىل قىلدى. ھازىر ھەر ئۇنسىيەسى 3630.94 ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. دۈشەنبە كۈنى ئاسيا بازىرىدا ئالتۇننى 3576 ۋە 3580 دىكى تىرەش نۇقتىلىرىدىن چۈشەلمىسە ئۆسۈشكە ئېلىپ پايدىسىنى 3590-3597 ئەتراپىغىچە كۆرۈشكە بولدۇ دېگەن؛ 3580 دىن ئۆسۈشكە ئېلىپ 3613 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى. ئومۇمەن دۈشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە 33 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى. دۈشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى يۇقىرى باھالاردىن چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولىدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: 36463650,3655,3660,3666,3670,3673,3680؛ تىرەش نۇقتىسى: 3640,3636,3633,3628,3624,3620,3615,3609
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.