2025يىلى9- ئاينىڭ1 - كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2025-09-01 12:14:32

\

ئاساسىي ئانالىز
ئالتۇن بازىرى كۆرۈشمىگىلى ئۇزۇن بولغان بىر مەيدان قاينام-تاشقىنلىقنى كۈتۈۋالماقتا. ئەمدىلا ئۆتۈپ كەتكەن 8 ـ ئايدا، ئالتۇن باھاسى يەككە ئايدا% 4.81 ئۆرلەپ، 4 ـ ئايدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى ئايلىق ئىپادىسىنى يارىتىپ، يەنە بىر قېتىم پۈتۈن يەر شارىدىكى مەبلەغ سالغۇچىلار دىققەت قىلىدىغان قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. نەق مال ئالتۇن ئالدىنقى جۈمە كۈنى 3448.01 دوللار/ئۇنسىيە ئەتراپىدا بازار يېپىلىپ، بازاردا بىر مەھەل 3453.82 دوللار/ئۇنسىيەلىك يۇقىرى ئورۇنغا چىقىپ، 4-ئاينىڭ 22-كۈنى يارىتىلغان تارىخىي يۇقىرى نۇقتىغا پەقەت بىر قەدەملا قالغان. 9-ئاينىڭ تۇنجى سودا كۈنىگە كىرگەندە، ئالتۇن باھاسى يەنىلا يۇقىرى نۇقتىدا داۋالغۇدى، نۆۋەتتە 3445.5 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، بازارنىڭ كۈچلۈك سېتىۋېلىش تىرىكى نامايان قىلىندى. بۇ نۆۋەتلىك ئالتۇن باھاسىنىڭ كۈچلۈك ئۆسۈشى تاسادىپىيلىق ئەمەس، بەلكى كۆپ خىل ئامىللارنىڭ ئورتاق رول ئوينىغانلىقىنىڭ نەتىجىسى بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەڭ ئاچقۇچلۇقى بازارنىڭ ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش كۆزلىمىسىنىڭ داۋاملىق يۇقىرى كۆتۈرۈلۈشى. پۇل پاخاللىقى سانلىق مەلۇماتى مۆلچەرگە ئۇيغۇن بولۇپ، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش نىسبىتى يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلگەن.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1. ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئاسيا-ياۋروپا بازىرىدا ئالتۇننى توسالغۇ، تىرەش نۇقتىلار ئارلىقىدا سودا ئىلىپ باردۇق؛ ئومۇمەن، ئالدىنقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسى ئۆسۈشنى ئاساس قىلدى؛
2. بۈگۈن سودا قىلغاندا ئالتۇننى تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلساق بولدۇ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
دىققەت قىلدىغان نۇقتىلار: توسالغۇ نۇقتىسى: 3437,3446,3450,3454,3465,3476؛ تىرەش نۇقتىسى: 3433,3430,3423,3410,3415,3404,3397؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ. قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.