2025-يىلى2-ئاينىڭ12-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_1 2025-02-12 12:13:47

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە ( 2-ئاينىڭ 12-كۈنى ) ئاسىيا بازىرىدا نەق مال ئالتۇن تار دائىرىدە داۋالغۇپ ، نۆۋەتتە سودا سوممىسى 2900 دوللار/ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولۇپ، ئالتۇن باھاسى سەيشەنبە كۈنى ئۆرلەپ تۆۋەنلىگەن، بۇنىڭ سەۋەبى مەبلەغ سالغۇچىلار ئالتۇن باھاسىدا تارىختىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغاندىن كېيىن ئارقا-ئارقىدىن پايدىغا ئېرىشكەن، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى پارلامېنت گۇۋاھلىق سۆزىدە ئۆسۈمنى تۆۋەنلىتىشكە ئالدىرىمايدىغانلىقىنى، شۇنداقلا ئالتۇن باھاسىغا بېسىم شەكىللەندۈرگەنلىكىنى بىلدۈرگەن. لېكىن ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ترامپنىڭ يېڭى تاموژنا بېجى تەدبىرىنىڭ يەر شارىۋى سودا توقۇنىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشىدىن ئەنسىرىگەچكە، مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا ئالتۇن باھاسىنى ئۆسىدۇ دەپ قارىغان.

مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
سەيشەنبە كۈنى ئاسىيا ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 2943 ۋە 2951 دىكى باھالاردا ئايرىم -ئايرىم توسالغۇغا ئۇچرايدۇ، توسالغۇدىن ئاشالمىسا چۈشۈشكە ئېلىپ پايدىسنى 2930-2920 ئارلىقىدىكى باھالارغىچە كۆرۈشكە بولىدۇ دېگەن، يۇقىرى باھا 2942.61 ئەتراپىغا چىقىپ چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، يەنى تەھلىل بويىچە چۈشۈشكە ئالغان بولساق تۆۋەن باھا 2901.75 ئەتراپىغا چۈشۈپ، چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، ئومۇمەن تۈنۈگۈن ئالتۇن باھاسى چۈشۈشنى ئاساس قىلدى، ئەگەر تەھلىل بويىچە چۈشۈشكە ئالغانلار بولسا 22 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛
2.بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز، كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى 2900، 2907، 2910، 2915، 2920؛
تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى 2890، 2880، 2871، 2865، 2858، 2850؛

مۇتەخەسسىس : ئالىيە
ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.