2023-يىلى12-ئاينىڭ7-كۈندىكى ئالتۇن سودا خۇلاسىسى

ilkan_3 2023-12-07 11:21:01

\

ئاساسىي ئانالىز
چارشەنبە كۈنى ئالتۇن 12-ئاينىڭ 4-كۈنى تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى باھا ( 2144 دوللار ئۇنسىيە ) نى يېڭىلىغاندىن كېيىن چۈشكەن بولسىمۇ، يەنىلا بازارنىڭ دىققىتىنى تارتقان. نەق مال ئالتۇن ئالدىنقى ئىككى سودا كۈنىدىكى چۈشۈشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا 2000 ئامېرىكا دوللىرىلىق پىسخىكىلىق تىرەك ئورنىنى ساقلاپ قالغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە دەسلەپكى قەدەمدە 2020 دىكى ئۆتكەلدە چىڭ تۇرۇپ، چارشەنبە كۈنى% 0.30 ئۆسۈپ، 2025.30 ئامېرىكا دوللىرى ئەتراپىدا بازار يېپىلغان. COMEX نىڭ 2-ئايدىكى ئالتۇن قەرەللىك مېلى بولسا% 0.57 ئۆسۈپ، 2047.90 دوللار ئۇنسىيە بىلەن بازار يېپىلغان. بۇنىڭغا سېلىشتۇرغاندا، COMEX نىڭ 3-ئايدىكى كۈمۈش قەرەللىك مېلى% 1.30 چۈشۈپ، 24.228 دوللار ئۇنسىيە بىلەن بازار يېپىلغان.
ئەسكەرتىش: بۈگۈن كەچتە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 21.30 دا، ئامېرىكىنىڭ 12-ئاينىڭ 2-كۈنگىچە بولغان شۇ ھەپتىلىك دەسلەپكى ئىشسىزلىق پۇلى ئىلتىماس قىلغان ئادەم سانى سانلىق مەلۇماتى، بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 23:00 دە، ئامېرىكىنىڭ 10-ئايلىق توپ سېتىش ئايلىق نىسبىتى قاتارلىق مۇھىم ئىقتىسادى سانلىق مەلۇماتلار ئېلان قىلىنىدۇ؛
مەشغۇلات باسقۇچى ۋە خۇلاسە
1.چارشەنبە كۈنى ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننى 2024 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلىپ پايدىسنى 2020-2018 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن، 2024 ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئىلپ پايدىىسنى 2020 ئەتىراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى؛ياۋروپا بازىرىدا 2030 ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئىلپ پايدىسىنى 2022 ئەتراپىغىچە كۆرىمىز دېگەن، 2030 ئەتىراپىدىن چۈشۈشكە ئېلىپ 2020 ئەتراپىغىچە چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى ؛كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا بازار كۈزىتىشنى ئاساس قىلىپ تەھلىل ئۇرۇنلاشتۇرمىدۇق. ئومۇمەن، چارشەنبە كۈنى تەھلىل بويىچە 14 دوللار ئەتراپىدا پايدا شەكىللەندى؛ چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى دائىرە ئىچىدە تەۋرىنىشنى ئاساس قىلدى؛
2.بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز ؛ سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز.كونكېرىت سودا تەھىلىلى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىۋاتىدۇ.
.3 ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى شىركىتىمىزنىڭ دەرس(DARIS) ئۇچۇر سۇپىسىغا يوللىنىدۇ؛
ئەڭ يېڭى ئالتۇن زاپاس مىقدارى؛ 880.83
يۇقىرىقى توسالغۇ نۇقتىسى 2032 ، 2036 ، 2040 ، 2045 ، 2050 ؛
تۆۋەنكى تىرەش نۇقتىسى 2023 ، 2017 ، 2010 ؛
مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.