2019-يىلى 4-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

ilkan_atigul 2019-04-11 11:18:27

\

ئاساسى ئانالىز

پەيشەنبە (4-ئاينىڭ 11-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا، نەق ئالتۇن 1306.70 دوللار/ ئۇنسىيە سەۋىيە ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئىلىپ باردى. ئالدىنقى سودا كۈنىدە ئالتۇن باھاسى ئۆرلەپ 1310.50 دوللارغا يەتتى، يەنى 3-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا بىلەن تېگىشتى، لېكىن كېيىن ئالتۇن باھاسى يۇقىرى نۇقتىدىن تۆۋەنلەشكە قاراپ يۈزلەندى، نۆۋەتتە 1307دوللار/ ئۇنسىيە ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.چارشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى 1310.60دوللاردىن 1300.85دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا ئالتۇننى 1298-1300ئەتراپىدىكى باھالار شەكىللەنگەندە يېنىك دەرىجىدە ئۆسۈشكە ئالىمىز قۇلىدا مال يۇقلار بىرەر نۇقتا بالدۇرراق كىرسىمۇ بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، ئەڭ تۆۋەن 1301ئەتراپىدا ئۆسۈشكە مال ئىلىشقا پۇرسەت بەردى، ئۆسۈش ماللىرىنى ئاسىيا بازىرىدا بىرقىسمىنى 1304ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق. ياۋرۇپا بازىرىدا ئالتۇننىڭ ئۆسۈش ماللىرىنى 1305ئەتراپىدىكى تۇسالغۇدىن ئىشىپ كىتەلمەي قالسا شۇ ئەتراپتا چىقىرىپ تۇرىمىز دەپ ئەسكەرتىش بەرگەن، ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 1304-1305ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، چۈشۈشكە مال ئىلىشقا پۇرسەت بەردى، چۈشۈش ماللىرىنى ئارام ئىلىشتىن بۇرۇن 1308ئەتراپىدا ئازراق زىيانغا چىقىرىپ تۇرۇشقا ئەسكەرتىش بەردۇق. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودىغا كىرگەنلەر بولسا تەخمىنەن 3دوللار ئەتراپىدا پايدا ئالغان 5دوللار ئەتراپىغىچە زىيان تارتقان بولىمىز.

2 . بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە ئالتۇننى سودا قىلغاندا تۆۋەن باھالاردىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز.سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار: 1307 1300

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.