2018-يىلى 5-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2018-05-18 11:03:27

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا ئالتۇن باھاسى جۈمە (5-ئاينىڭ18-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا بازىرىدا 1289دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ ئالتۇنغا بولغان قىزىقىشىنىڭ چوڭقۇرلىشىغا ئەگىشىپ، پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسى كىچىك نىسبەتتە يۇقىرى ئۆرلىدى. لېكىن ئومۇمىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆرلىشىگە دوللارنىڭ يۆنىلىشى بېسىم ئېلىپ كېلىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىنى چەكلەپ قويدى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى 2018-يىللىق بېلەت كومىتېتى، كېلىۋېلاند فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى «ماكرولۇق ئېھتىياتچان سىياسەت ۋە پۇل سىياسىتى» تېمىسىدا نۇتۇق سۆزلەيدۇ؛ ئامېرىكا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ كېڭەش ئەزاسى Lael Brainard مۇھىم سۆز قىلىدۇ.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1294دوللار بىلەن 1285دوللار ئارىلىقىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، تۈنۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا 1295-1297ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز بىرە دوللار بالدۇرراق سودىغا كىرسەكمۇ بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى 1293.5دوللارغىچە چىقتى، ئەگەر بالدۇرراق سودىغا كىرگەنلەر بولسا 1287-1290دوللاردىكى پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى،كەچ تەرەپتە 1292دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق ئەڭ يۇقىرى 1291دوللار ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، بىرە دوللار بالدۇرراق سودىغا كىرگەنلەر بولسا 1288دوللارغىچە پايدا رايونىغا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە ئالتۇننى يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1296 1285

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.