2018-يىلى 3-ئاينىڭ 23-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2018-03-23 11:19:03

\

ئاساسىي ئانالىز

جۈمە(3-ئاينىڭ23-كۈنى) ئاسىيا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى يۇقىرى ئۆرلەپ ئەڭ يۇقىرى 1339دوللار ئەتراپىغا چىقىپ، 1340دوللاردىكى توسالغۇ نۇقتىسىغا ئۇچرىغان، ئامېرىكا پاي چېكى بازىرىنىڭ چۈشۈپ كېتىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان. پەيشەنبە(3-ئاينىڭ22-كۈنى) ئالتۇن باھاسى ئەڭ يۇقىرى باھا 1334دوللارغا چىقىپ، ئارقىدىن ئەڭ تۆۋەن 1324دوللار ئەتراپىغىچە چۈشكەن، تۈنۈگۈن دوللارنىڭ يۇقىرى ئۆرلىشى ئالتۇن باھاسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن، بىراق پاي چېكى بازىرىنىڭ چوڭ دائىرىدە چۈشۈپ كېتىشى ئالتۇن باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى چەكلەپ قويدى. بۈگۈن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا چىداملىق بۇيۇملار زاكاز تالون ئايلىق نىسبىتى، ئامېرىكا پۈت كەن ئۆي سېتىش سانلىق مەلۇماتى, 2018-يىللىق ئامېرىكا فېدېراتسىيە ئاشكارا بازار كومىتېتى بېلەت كومىتېتى، ئاتلانتا فېدېراتسىيە پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى Raphael Bostic ئىقتىسادنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا مۇھىم سۆزى قاتارلىقلار.

مەشغۇلات باسقۇچى

1.پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1334دوللار بىلەن 1325دوللار ئارىلىقىدا بولدى، تۈنۈگۈن ئاسىيا سودا بازىرىدا بازار كۆزىتىشنى ئاساس قىلدۇق، چۈشتىن كېيىن ياۋروپا سودا بازىرىدا ئالتۇن باھاسى 1333-1335ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز، پۇرسەت بەرمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلار بالدۇرراق سودىغا كىرسەكمۇ بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى 1331.5دوللار ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، پايدىسىنى 1328دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1335-1333دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز پۇرسەت بەرمەسلىكىدىن ئەندىشە قىلغانلار 1دوللار بالدۇر كىرسەكمۇ بولىدۇ دېگەن ئىدۇق، ئەڭ يۇقىرى 1332دوللار غىچە چۈشۈشكە ئېلىشقا پۇرسەت بەردى، بۇ ماللارنىڭ پايدىسىنى 1327دوللار ئەتراپىدا چىقاردۇق، چۈشۈش مېلىنى چىقىرىپ بولغاندىن كېيىن قايتا 1332دوللارغا چىققاندا يەنە چۈشۈشكە مال قوشۇپ پايدىسىنى 1328دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق، 9دوللار غىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە سودا قىلغاندا تۆۋەن باھادىن ئۆسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1342 1340

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.