2018-يىلى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

ilkan_atigul 2018-03-12 11:42:20

\

ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا ئالتۇن بازىرى دۈشەنبە(3-ئاينىڭ12-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا 1320دوللار ئەتراپىدا بولىۋاتىدۇ،ئالدىنقى جۈمە(3-ئاينىڭ9-كۈنى) ئامېرىكا 2 - ئايدا يېزا ئىگىلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى بىر يېرىم يىلدىن بۇيان ئەڭ زور ئاشتى،ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتى بۇ يىل ئۈچ قېتىم ئۆسۈم قوشۇش مۆلچەرىنى مۇستەھكەملەپ ،ئىش ھەققىنىڭ ئېشىشى بىۋاستە پۇل پاخاللىشىشقا تەسىر كۆرسەتتى.بۇنىڭ بىلەن تۆت قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقى تۆۋەنلەپ،ئالتۇن باھاسى قىسقىغىنە تەۋرىنىش قىلىپ1313دوللار تۈۋەن باھادىن تېز سۈرئەتتە V شەكىللىك تەتۈر ئايلىنىش قىلىپ،ئاخىرىدا 1320دوللار باھاغا چىققان.دۈشەنبە كۈنى بازار ئىگىلىكى سانلىق مەلۇمات كەمچىل،مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققىتىدە بولىدىغىنى،ترامپنىڭ تاموژنا بېجى سىياسىتى ۋە ئامېرىكا چاۋشيەن مۇناسىۋىتىدە يەنىمۇ ئىلگىرىلەش بولدى .

مەشغۇلات باسقۇچى

1.ئالدىنىقى ھەپتە جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1325دوللار بىلەن 1313دوللار ئارىلىقىدا بولدى،جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنى 1321-1322دوللار باھالار شەكىللەنگەن ۋاقىتتا چۈشۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز دىگەن ئىدۇق،1320.5دوللار باھالارغىچە پۇرسەت بەردى.كەچلىك ياۋرۇپا بازىرىدا 1317-1316دوللار ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق.كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا ئالتۇننى 1316دوللار باھالار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە،ئۈسۈشكە ئىلىشنى خالىمايدىغان خىرىدارلارنى ئالتۇن باھاسى ئۈسكەندىن كىيىن 1320دوللار ياكى 1320دوللاردىن يۇقىرى نۇقىتىلاردىن چۈسۈشكە ئالسا بولىدۇ دىگەن ئىدۇق،ئۈسۈشكە ئالغان ماللارنى 1320دوللار باھالار ئەتراپىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەردى،چۈشۈشنىڭ ماللىرىنى 1321-1320دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتىش بەردۇق،ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بۇيىچە سودا قىلغان بولساق 7دوللار ئەتراپىغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2. بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە سودا قىلغاندا تۈۋەن باھادىن ئۈسۈشكە ئىلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3.ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار:

1332 1318

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.