2017-يىلى10-ئاينىڭ4-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-10-04 11:29:43

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارا ئالتۇن باھاسى چارشەنبە (10-ئاينىڭ 4-كۈنى) ئەتىگەنلىك ئاسىيا سودا بازىرى ۋاقتىدا 1275دوللار ئەتراپىدا تار دائىرىدە تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. سەيشەنبە(10-ئاينىڭ 3-كۈنى)ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ يىل ئىچىدە يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم ئۆستۈرىدىغانلىق مۆلچەرى ئېشىپ دوللارنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولغان،بۇنىڭ سەۋەبىدىن ئالتۇن باھاسى بېسىمغا ئۇچراپ ئەڭ تۆۋەن 1267.8دوللار ئەتراپىغىچە چۈشكەن. چارشەنبە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا ADPئىشقا ئورۇنلىشىش ئادەم سانى، ئامېرىكا9-ئايلىق ISM غەيرى ياساش كەسپى PMI قاتارلىق ئىقتىساد سانلىق ئۇچۇرلار، ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ رەئىسى يېلىن سان لۇئىس مەھەللە بانكىسى يىغىنىدا ئېچىش نۇتقى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىش دائىرىسى 1274دوللار بىلەن 1268دوللار ئەتراپىدا بولدى، تۆنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىل بويىچە 1272دوللار ئەتراپىدا چۈشۈشكە ئالغان ماللارنى 1270دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1270دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق ئەڭ تۆۋەن 1271دوللار ئەتراپىغىچە پۇرسەت بەردى، 1271دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1274دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 5دوللارغىچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2 .بۈگۈن كۈندۈزى تەرەپتە ئاسىيا سودا بازىرىدا يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز. سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1280 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

\

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.