2017-يىلى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-09-18 11:13:51

\


ئاساسىي ئانالىز
خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە(9-ئاينىڭ18-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا بىراقلا چۈشۈپ ئەڭ تۆۋەن 1314 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، ھەمدە ئىككى ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ تۆۋەن نۇقتىنى كۆرسەتتى، جۈمە(9-ئاينىڭ15-كۈنى)ياۋرۇپا مەركىزى بانكىسىنىڭ بىر نەپەر ئەمەلدارى بانكىنىڭ پىلانىنى قىسقارتىش توغرىسىدا مۇراجىئەت قىلغانلىقتىن ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىگە بىسىم ئېلىپ كەلدى، بىراق ئامېرىكىنىڭ پارچە سېتىش سانلىق دوكلاتى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ ئۆسۈم قوشۇش قوشماسلىق توغرىسىدا يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىيەلمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسىنىڭ داۋاملىق چۈشۈشىنى توسۇپ قالدى. بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ 9-ئايلىق پۇل سىياسىتى يىغىنى، گەرچە مۆلچەرلەرگە قارىغان بۇ قېتىم ئۆسۈم قۇشۇش ئېھتىماللىقى بولمىسىمۇ، لېكىن مەبلەغ سالغۇچىلار ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ رەئىسى يېللىننىڭ يېقىنقى كەلگۈسىدىكى پۇل پاخاللىق سانلىق دوكلاتىنىڭ نەتىجىسىنى ساقلاۋاتىدۇ. بۇ ئارقىلىق 12- ئايلىق ئۆسۈم قۇشۇش توغرىسىدا مۇھىم يىپ ئۇچىغا ئېرىشىشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1333-1319 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز جۈمە كۈنى ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1325-1329 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق،1325دوللار ئەتراپىدىن ئالغان مالنىڭ بىر قىسىمىنىڭ پايدىسىنى 1328 دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق، ياۋرۇپا بازىرىدا 1322-1324 دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، 1323- 1324 دوللار ئەتراپىدىن ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1326دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىپ تۇرۇشنى ئەسكەرتتۇق. كەچلىك ئامېرىكا بازىرى ۋاقتىدا 1328-1326 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، چۈشۈشكە مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى،كەچ تەرەپتە چىقارمىغان ئۆسۈش ماللىرى بولسا 1325دوللار ئەتراپىدا چىقىرىشقا ئەسكەرتتۇق، 1329 دوللار ئەتراپىدا ئۆسۈشكە ئالغانلار بولسا 4دوللار زىيانغا مالنى چىقاردى. ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 4دوللارچە زىيان، 6 دوللارچە پايدا بولغان بولىدۇ.

2 .بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىپ سودا قىلىشنى ئويلىشىمىز , ھەمدە يۇقىرى باھادىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئويلىشىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشنى ئالاھىدە ئەسكەرتىمىز. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1324 , 1325 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.