2017-يىلى 8-ئاينىڭ 14-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

zumrat 2017-08-14 11:27:12

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە(8- ئاينىڭ14-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1287 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ئالدىنقى جۈمە(8- ئاينىڭ11-كۈنى)ئۇدا 4سودا كۈنى ئۆسۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈرۈپ،2 ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1292.20 دوللاردىكى باھانى كۆرسەتتى، سەۋەبى چاۋشيەننىڭ ۋەزىيىتى يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن. شۇنىڭ بىلەن مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتى شەكىللەنگەن، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى سانلىق دوكلاتى ياخشى چىقمىغانلىقتىن ئالتۇنغا بەلگىلىك تىرەكلىك رول ئېلىپ كەلگەن.بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ 7- ئايلىق پارچە سېتىش سانلىق دوكلاتى،ئۇنىڭدىن باشقا يانە ئامېرىكا فېدېراتسىيە زاپاس پۇل كومىتېتىنىڭ 7- ئايلىق يىغىن مەزمۇنى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى1281-1291 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز جۈمە كۈنى -ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1280-1285دوللار ئەتراپىدىن ئۈسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق1284-1285 دوللار ئەتراپىدىن ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1288-1289 دوللار ئەتراپىدىكى باھالاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ياۋرۇپا بازىرىدا 1288-1290 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى ئايرىم -ئايرىم ھالدا 1284-1285 دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1283-1285 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنى پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي زىيان بەلگىلىگەنلەر بولسا 1288 دوللاردا زىيانغا كېسىلىپ كەتتى،ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 8 دوللارغىچە پايدا، 5 دوللارچە زىيان بولغان بولدى.

2 .بۈگۈن ئالتۇننى سودا قىلغاندا ئاۋال ئۆسۈشكە ئېلىپ ئاندىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1295 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.