2017-يىلى 8-ئاينىڭ 11-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-08-11 11:01:27

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى جۈمە(8-ئاينىڭ11-كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ئىككى ئايدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1289 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى. ھەمدە كېيىن قايتا 1285 دوللار ئەتراپىغا تۆۋەنلىدى. پەيشەنبە(8- ئاينىڭ 10-كۈنى) ئالتۇن باھاسى ئۇدا ئۈچ سودا كۈنى ئۆسۈش ھالىتىنى شەكىللەندۈردى،سەۋەبى ئامېرىكا بىلەن چاۋشىيەن ۋەزىيىتى خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى كۈچەيتىۋەرگەن، ئۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكىنىڭ PPIسانلىق دوكلاتى ياىشى چىقمىغانلىقتىن دوللارغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن. جۈمە كۈنى مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ CPIسانلىق دوكلاتى ئىپادىسى، بۇ بەلكىم ئامېرىكا فېدېراتسىيەسىنىڭ كېيىنكى قەدىمىگە ئاساس بولۇشى مۇمكىن.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. پەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى1287-1270 دوللار ئارىلىقىدا بولدى. بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1270-1272 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق. لېكىن بۇ باھالارغا مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى. ياۋرۇپا بازىرىدا 1278-1280 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق،بۇ ماللارنى پايدا رايونىدا چىقىرىشقا پۇرسەت بەرمەي زىيان بەلگىلىگەنلەر بولسا 1284 دوللاردا زىيانغا كېسىلىپ كەتتى. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1280-1283 دولار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق. 1283 دوللاردىن ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1287 دوللاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 4 دوللارچە زىيان،4 دوللارچە پايدا كۆرۈلگەن بولدى.

2 .ئالتۇن باھاسى چۈشكەندىن كېيىن ئۆسۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1283 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.