2016-يىلى 8-ئاينىڭ 9-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-08-09 11:48:33

\


ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى چارشەنبە(8-ئاينىڭ 9-كۈنى)ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرىدا ئۆسۈپ كۈن ئىچىدىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتا 1267.28 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، سەۋەبى ئامېرىكا بىلەن چاۋشىيەن ئوتتۇرسىدىكى يەرلىك سىياسەتتە خەتەردىن ساقلىنىش كەيپىياتى شەكىللىنىپ، ئالتۇن باھاسىنىڭ يۇقىرى ئۆرلىدى. سەيشەنبە(8-ئاينىڭ8-كۈنى)نيۇيورك ۋاقتىدا ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئىشقا ئورۇنلىشىش سانلىق دوكلاتى مۆلچەردىن ياخشى چىققانلىقتىن، دوللارنىڭ كۈچىيىشىگە سەۋەب بولغان، شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى ئىككى ھەپتە ئىچىدىكى ئەڭ تۆۋەن نۇقتا 1251.59 دوللاردىكى باھانى كۆرسەتكەن. ئارقىدىنلا چاۋشىيەننىڭ ۋەزىيىتى كەسكىنلىشىپ ئالتۇن باھاسى بىراقلا 10 دوللار ئۆسۈپ 1260 دوللارنىڭ يۇقىرىسىدىكى باھالاردا بازار يېپىلغان. چارشەنبە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى چاۋشىيەن ۋەزىيىتىنىڭ تەرەققىياتىدىن باشقا يەنە كەچتە ئېلان قىلىنىدىغان ئامېرىكىنىڭ ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى.


مەشغۇلات باسقۇچى

1.سەيشەنبە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى1265-1251 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز تۈنۈگۈن ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى1263-1261 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، بۇ مالنىڭ پايدىسىنى كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1253 دوللاردىكى باھالاردا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 8-10 دوللارچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2 .ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1270 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.