2017-يىلى 7-ئاينىڭ 31-كۈنى ئالتۇن سودا تەھلىلى

patigul 2017-07-31 11:43:54

\



ئاساسىي ئانالىز

خەلقئارالىق ئالتۇن باھاسى دۈشەنبە ( 7- ئاينىڭ 31- كۈنى) ئاسىيا ئەتىگەنلىك بازىرى ۋاقتىدا 1270 دوللار ئەتراپىدا تەۋرىنىش ئېلىپ باردى، چۈنكى بۈگۈن ئەتىگەندىلا چاۋشىيەن ۋەزىيىتىدە جىددىي كەيپىيات شەكىللەنگەن. ئالدىنقى جۈمە( 7- ئاينىڭ 28- كۈنى) ئامېرىكىنىڭ پۇل پاخاللىقى مۆلچەردىن تۆۋەن بولۇپ ، ئامېرىكا فېدېراتسىيىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئۆسۈم قوشۇش ئېھتىماللىقنى كۈچەيتكەن. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە چاۋشىيەن يەنە سىناق يادرو بومبىسىنى قويۇپ بېرىپ ، خەۋپتىن ساقلىنىش كەيپىياتىنى يۇقىرى كۆتۈرگەن. شۇنىڭ بىلەن ئالتۇن باھاسى 1271.10 دوللارغا ئۆرلەپ 6 ھەپتىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىنى ياراتقان. ھەمدە ئۇدا 3 ھەپتىلىك ئۆسۈش يۆنىلىشىنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ ھەپتە مەبلەغ سالغۇچىلارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ئامېرىكىنىڭ 7- ئايلىق غەيرى يېزا ئىگىلىك سانلىق دوكلاتى قاتارلىق ئىقتىسادىي سانلىق مەلۇمات ئىپادىسى،ئۇنىڭدىن باشقا يەنە ئەنگلىيە مەركىزىي بانكىسىنىڭ ئۆسۈم قارارى.

مەشغۇلات باسقۇچى

1. جۈمە كۈنى ئالتۇن باھاسىنىڭ بىر كۈنلۈك تەۋرىنىشى 1270-1253 دوللار ئارىلىقىدا بولدى، بىز جۈمە كۈنى ئەتىگەنكى تەھلىلدە ئالتۇننى 1260-1264 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، 1260 دوللار ئەتراپىدىن ئالغان مالنىڭ پايدىسىنى 1257 دوللاردىكى باھادا چىقىرىشنى ئەسكەرتتۇق، ياۋرۇپا بازىرى ۋاقتىدا 1262-1263 دوللار ئەتراپىدىن چۈشۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن بۇ باھالارغا مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى. كەچلىك ئامېرىكا بازىرىدا 1258-1260 دوللار ئەتراپىدىن ئۆسۈشكە ئالىمىز دېگەن ئىدۇق، لېكىن بۇ باھالارغا مال ئېلىشقا پۇرسەت بەرمىدى، ئەگەر مۇشۇ سودا تەھلىلى بويىچە سودا قىلغان بولساق 3 دوللارچە پايدا ئالغان بولىمىز.

2 .ئالتۇن باھاسى ئۆسكەندىن كېيىن چۈشۈشكە ئېلىشنى ئاساس قىلىمىز، سودا قىلغاندا چوقۇم پايدا زىياننى بەلگىلەپ سودا قىلىشىمىز كېرەك. تەپسىلى سودا مەشغۇلاتى VIPتوپقا يوللىنىدۇ.

3. ئۇزۇن، ئوتتۇرا مەزگىللىك ھەمدە كۈندۈزدىكى ۋە كەچلىك سودا تەھلىل ۋە سانلىق ئۇچۇر نەتىجىسى VIP توپىغا يوللىنىدۇ؛

بۈگۈنكى دىققەت قىلىدىغان نۇقتىلار
1280-1282 دوللار

مۇتەخەسسىس : ئالىيە

ئەسكەرتىش: يۇقىرىقى تەھلىل قىسقا ۋاقىتلىق سودىغا قارىتىلغان بۇلۇپ پايدىلىنىشقا بولىدۇ ،سودا قىلغاندا مال سانى بىلەن زىيىنىنى كونترول قىلىشنى ئۇنتۇپ قالماڭ. تېخىمۇ تەپسىلي سودا ئۇچۇرىغا ئېرشمەكچى بولسىڭىز شىركەت بىلەن ئالاقىلىشىڭ . قىزىق لىنىيە تېلېفۇن نومۇرى: 8588854-0991 ، 8588824-0991


سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.