قىسقا خەۋەرلەر

parida 2017-07-18 18:31:48

\

خۇيتۇڭ تورى: ئاۋسترالىيە دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئىككى يىلدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 0.7917 غا چىقتى، ئۆسۈش ۋەزىيىتى يەنە داۋاملىشىشى مۇمكىن؛ ئامېرىكا دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ تۆۋەنلىگەنلىكى، شۇنىڭ بىلەن بىللە ئاۋسترالىيە فېدېراتسىيە كومىتېتى ئېلان قىلغان يىغىن خاتىرىسىنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولغانلىقى ھەمدە جۇڭگونىڭ 6-ئايلىق 1-،2-تۈردىكى شەھەرلەرنىڭ ئۆي باھاسىنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆۋەنلىشى ئاۋسترالىيە دوللىرى كۆرسەتكۈچىنىڭ ئۆسۈشىگە تۈرتكە بولدى؛
ھىندىستان نېفىت مىنىستىرلىقى: ھىندىستاننىڭ 6-ئايلىق خام نېفىت ئىمپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %1.4 تۆۋەنلەپ 17 مىليۇن 400 مىڭ توننىغا چۈشتى؛ ھىندىستاننىڭ 6-ئايلىق دېزىل مېيى ئېكسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %0.5 ئېشىپ 2 مىليۇن 260 مىڭ توننىغا يەتتى؛ 6-ئايلىق بېنزىن ئېكسپورت مىقدارى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %20.6 تۆۋەنلەپ بىر مىليۇن 180 مىڭ توننىغا چۈشتى؛
خۇيتۇڭ تورى: برېنت خام نېفىتىنىڭ باھاسى 48.84-48.20 دوللار ئارىلىقىدا بولۇپ ئوتتۇراھال سەۋىيىنى ساقلىدى؛ ئەگەر بۇ رايوندىن ھالقىپ كېتەلىسە بازارنىڭ كېيىنكى يۆنىلىشى ئايدىڭلىشىدۇ؛
خۇيتۇڭ تورى: نەق ئالتۇن باھاسى 1239 دوللارلىق قارشىلىق كۈچى نۇقتىسىدا تۇرۇۋاتىدۇ؛ ۋاقتىنچە مۇشۇ سەۋىيىدىن تۆۋەن نۇقتىدا تەۋرىنىشى مۇمكىن؛ ئالتۇن باھاسىنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى تىرەك نۇقتىسى 1232.51 دوللار ئەتراپىدا بولۇپ، ئەگەر بۇ سەۋىيىنى ساقلىيالمىسا 1226 دوللارلىق تىرەك نۇقتىسىغا قايتىشىمۇ مۇمكىن؛
لوندوندا ئاۋستىرالىيە دوللىرى بىلەن ئامېرىكا دوللىرىنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 0.7900 نۇقتىلىق ئۆتكەلنى بۇزۇپ تاشلىدى؛
رېيتېر ئاگېنتلىقى: گېرمانىيەنىڭ 10 يىللىق دۆلەت زايوم پايدا نىسبىتى %0.589 بولۇپ، 2016-يىلى 1-ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى سەۋىيىنى ياراتتى؛
خۇيتۇڭ تورى: ئامېرىكا خام نېفىتىنىڭ باھاسى يەنە تۆۋەنلىدى، 46.29 دوللارلىق تىرەك نۇقتىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر تۇڭىنىڭ باھاسى 45.66 دوللارغا چۈشتى؛

خۇيتۇڭ تورى: فوندستېرلىڭ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتىنىڭ قىسقا سىزىقى تەخمىنەن 30 نۇقتا ئەتراپىدا تۆۋەنلىدى، يېقىندا 1.3073 نۇقتا ئەتراپىدا بولۇپ، بازارنىڭ دىققىتى يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان ئەنگىلىيەنىڭ 6-ئايلىق CPI سانلىق مەلۇماتىغا مەركەزلەشتى؛

قىرغاق خەلق پۇلى بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى 7-ئاينىڭ 18-كۈنى سائەت 16:30 دا 6،7580 نۇقتا بولۇپ، ئالدىنقى بىر سودا كۈنىدىن 118 نۇقتا ئۆستى؛
ئەنگىلىيە ئىستاتېستىكا ئىدارىسى: ئەنگىلىيەنىڭ 6-ئايلىق پۇل پاخاللىقى نىسبىتىنىڭ تۆۋەنلىشى ئاساسلىقى نېفىت باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشىدىن بولدى؛
خۇيتۇڭ تورى: ياۋرۇ بىلەن دوللارنىڭ پېرېۋوت نىسبىتى ئۆسۈپ، 2016-يىلى 5-ئايدىن بۇيانقى يۇقىرى نۇقتا 1.1541 غا چىقتى؛

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.