ياۋرۇ رايونىدا قۇتقۇزۇش فوندىنىڭ ئايلىنىشى ياخشى بولدى

parida 2017-06-16 12:04:19

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: رۇتېر ئاگېنتلىقىنىڭ جۈمە كۈنى (6-ئاينىڭ 16-كۈنى) دىكى دوكلاتىغا ئاساسلانغاندا، ياۋرۇپادىكى بىر مۇستەقىل باھالاش ئورگىنى پەيشەنبە كۈنى (6-ئاينىڭ 15-كۈنى) بىر پارچە دوكلات ئېلان قىلغان، دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ياۋرۇ رايونى قۇتقۇزۇش فوندى ياۋرۇ رايونىدا پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئەمەلگە ئاشۇرغان، ئەمما ئايلىنىش جەھەتتە يەنىمۇ ياخشىلاش بوشلۇقى بار ئىكەن.
دوكلاتقا ئاساسلانغاندا، ياۋرۇ گۇرۇھىنىڭ رەئىسى Jeroen Dijsselbloem بۇلتۇر ھاۋالە قىلىپ يازغان بۇ دوكلات-ياۋرۇپا پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىق ئورگىنى (EFSF) ھەمدە كېيىن بۇ ئورگاننىڭ ئورنىنى ئالغان ياۋرۇپا مۇقىملىق مېخانىزىمى (ESM)نىڭ ئايلىنىش ئەھۋالىغا قارىتا تۇنجى قېتىم باھا بېرىشى ھېسابلىنىدىكەن. دوكلاتتا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: كرىزىسقا تاقابىل تۇرۇشتىكى باشقا تەدبىرلەرنىڭ قوللىشى ئاستىدا، EFSF/ESM ياۋرۇ رايونى ۋە باشقا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پۇل-مۇئامىلە مۇقىملىقىنى قوغداشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان.

ئەسكەرتىش: مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.