بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ياۋروپا بانكىسىنىڭ قارارى ۋە ئەنگلىيە چوڭ سايلىمى

rabigul 2017-06-08 16:00:32

\

FX168مالىيە - ئىقتىساد گېزىتى خەۋىرى، ئىلكان تور تەرجىمىسى: 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئاسىيا بازىرىدا، دوللاردىن باشقا پۇللارنىڭ تەۋرىنىشى مۇقىم بولدى. لېكىن بازار يەنىلا ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى قارارى ۋە ئەنگلىيە چوڭ سايلىمىنى ساقلىماقتا.

نۆۋەتتە بازارنىڭ دىققەت نۇقتىسى ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى قارارى، ئەنگلىيە چوڭ سايلىمى ۋە فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى FBI نىڭ باشلىقى گۇۋاھلىق سۆزى. بۇنىڭ ئىچىدە، فېدېراتسىيە تەكشۈرۈش ئىدارىسى FBI نىڭ باشلىقى گۇۋاھلىق سۆزى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاشكارىلانغان بولسىمۇ، لېكىن بازارغا بولغان تەسىرى چەكلىك بولدى، شۇڭا مەبلەغ سالغۇچىلار يەنىلا ئىنتېرفېرېنسىيە تەكشۈرگەن" ئىشەنچىلىك دەلىل-ئىسپات" نى ساقلىماقتا.

ئەمما ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ پۇل سىياسىتى قارارى ۋە ئەنگلىيە چوڭ سايلىمىدا ئوخشاشلا ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت. بازار ياۋروپا مەركىزى بانكىسىنىڭ كەلگۈسىگە قارىتا كەڭ پۇل سىياسىتى ئېلىپ بېرىشنى ئازايتىشتىن بېشارەت بەرگەن بولسىمۇ، لېكىن دېلاجى روشەنكى پۇل پاخاللىقىغا نىسبەتەن يەنىلا ئەندىشە قىلىش كەيپىياتىدا تۇرىۋاتىدۇ. گەرچە ياۋروپا مەركىزى بانكىسى پۇل سىياسىتى يىغىنىدا ئىقتىساد مۆلچەرنى بايان قىلسىمۇ، لېكىن بۇ كەلگۈسىدە كەڭ پۇل سىياسىتىنى ئازايتىدىغانلىقىنى ئىپادىلەپ بېرەلمەيدۇ.

ئەنگلىيە چوڭ سايلىمى توغرىسىدا، بازارنىڭ ئومۇمىي جەھەتتىن تېلېيشادا تۇرۇشلۇق كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئاخىرى غەلىبە قىلىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىدى، شۇنىڭ بىلەن ياۋروپا سۆھبىتى تېخىمۇ ياخشى بولدى. لېكىن يېقىنقى مەزگىلدە كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ ئەل رايىنى سىناش جەھەتتىكى ئالدىدا ماڭغان ئۈستۈنلۈكى پەيدىنپەي ئاجىزلاشتى، شۇ سەۋەبتىن سايلام نەتىجىسى يەنىلا مۇرەككەپ.


مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.