ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭىنىڭ كۆرسەتكۈچى شىددەت بىلەن تۆۋەنلىشى مۇمكىن

gulbostan 2017-05-31 11:23:54

\

FX168 مالىيە-ئىقتىساد تورى خەۋىرى، ئىلكان تورى تەرجىمىسى: ئەنگىلىيە چوڭ سايلىمىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، مۇناسىۋەتلىك ئەل رايى تەكشۈرۈشىمۇ پرېۋوت بازىرىدا دۇلقۇن پەيدا قىلدى. چارشەنبە كۈنى (5-ئاينىڭ 31-كۈنى) ئاسىيا بازىرىدا، ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭى كۈچلۈك زەربىگە ئۇچرىدى. بۇنىڭ ئالدىدىكى ئەڭ يېڭى ئەل رايىنى تەكشۈرۈشتە مەلۇم بولۇشىچە، ئەنگىلىيە باش ۋەزىرى تېرىسا.مېي ۋەكىللىكىدىكى كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسى چوڭ سايلامدا 20 ئورۇننى كەتكۈزۈپ قويۇشى، ھەمدە يىغىندا كۆپ سانلىق پارتىيە ئورنىنى يوقىتىپ قويۇشى مۇمكىن. بۇ بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىر قاتار ئەل رايىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە مەلۇم بولغان كونسېرۋاتىپلار پارتىيىسىنىڭ كۆپ سانلىق ئورنىنىڭ ئېشىش ئەھۋالىدىن كۆرۈنەرلىك پەرقلىنىدۇ. بۇخەۋەر 6-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۆتكۈزۈلىدىغان چوڭ سايلامنىڭ ئىنتايىن كەسكىن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقى، ھەمدە تېرىسا.مېينىڭ چوڭ سايلامنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئۆتكۈزۈشنى تەلەپ قىلغىنىدەك ئۇنداق ئاسان بولمايدىغانلىقى، ئەنگىلىيە فوندستېرلىڭىنىڭمۇ زەربىگە ئۇچرايدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش

مەزكۇر ماقالە ئىلكان تورى تەرىپىدىن تەرجىمە قىلىنغان، قالايمىقان كۆچۈرۈش ۋە ئۆزگەرتىپ تارقىتىش بىردەك چەكلىنىدۇ، ئەگەر يۇقىرقىدەك ئەھۋاللار بايقالسا قانۇنىي جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.